ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇرلار سودا-يەرمەنكە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا شەرقىي تۈركىستان سودا-تىجارەت يەرمەنكىسى ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان سودا-تىجارەت ئىجتىمائىي پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 4-قېتىملىق سودا يەرمەنكىسى سەفاكۆي شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سەفاكۆي رايونىدىكى ئاتاتۈرك باغچىسىدا رەسمىي ئېچىلدى.

بۇ يەرمەنكىدە ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىدا ساتىدىغان ماللاردىن ئىئانە قىلدى. ئۇيغۇر ئاياللار ھەمكارلىشىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆيلىرىدە ئۇيغۇرچە تائاملارنى پىشۇرۇپ ئەكېلىپ تەقدىم قىلدى.

بۇ پائالىيەتتە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل ئەر-ئايالچە كىيىم-كېچەكلەر، ئويۇنچۇقلار ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن لەڭمەن، پولۇ، مانتا، سامسا، سېرىق ئاش، لەڭپۇڭ ۋە پېچىنە قاتارلىق تاماقلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل ئەشيالار سېتىلدى.

بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەر خىل كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان ئېھتىياجلىق ئەشيالار ۋە ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ھەر خىل نەرسە-كېرەكلەر سېتىلدى. يەرمەنكىنى كۆپ ساندا كىشىلەر قىزىقىپ زىيارەت قىلماقتا ۋە نەرسە كېرەك سېتىۋالماقتا.

بۇ يەرمەنكىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، چوڭ ھەجىمدىكى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئۈچ قاتار قىلىپ ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىلغان، چېدىرنىڭ ئەتراپىغا «شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسىگە خۇش كەلدىڭىز» دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋە چېدىرنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان.

ئىگىلىنىشىچە بۇ يەرمەنكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە كۆچۈكچەكمەجە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن رەسمىي رۇخسەت ئېلىنغان بولۇپ، يەرمەنكە 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23 ‏-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سەفاكۆي شۆبە باشلىقى ئەنۋەر قارى ۋە ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەنۋەر قارى، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، بىر تەرەپتىن تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى كىرىم قىلىپ، ئىستانبۇلنىڭ ئۈچ ئورنىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادى چىقىملىرىنى ھەل قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.