جون كەررىي ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، بازار ۋە پۇل كۇرسى مەسىلىلىرىدە يەنىلا جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى جون كەررىي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كېلەر قېتىملىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى. ھازىرقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خانىم پات يېقىندا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، ھوقۇقىنى جون كەررىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جون كەررىينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، قانداق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. كېڭەش پالاتا تاشقى كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ماقۇللۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتىكى پىكرىنى ئاڭلىدى.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىچكى كابېنىت نامزاتى چوقۇم ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. جون كەررىينىڭ نامزاتلىقى كېڭەش پالاتاسىدا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئېھتىماللىقى زور. كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ماقۇللۇق يىغىنىدىكى دوستانە كەيپىيات بۇنىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. جون كەررىي يىغىندا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يولغا قويىدىغان تاشقى سىياسىتىنى شەرھلەپ، پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەر خىل مەسىلىلەردىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جون كەررىي خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ «ناھايىتى قىيىن ۋە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان مۇساپە » ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، بازارنى ئېچىش، پۇل كۇرسى قاتارلىق جەھەتلەردىن يەنىلا جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جون كەررىي مۇنداق دەيدۇ:
-خىتاي دىپلوماتىيىسى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەسىلە. مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشىمىز ئىزچىللىق ۋە چىدامچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرىمىزدا نۇرغۇن مەسىلە بار. مېنىڭ مەقسىتىم دىققەتنى ھۆكۈمەت باشلىغان ئوتتۇرىدىكى بالانسنى تەڭشەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بالانس پەرقىنى چوڭايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش. چۈنكى بۇ بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادى دۆلەت. ھالبۇكى، دۇنيا خام ئەشياسىغا بولغان ئىشتىھاسى ناھايىتى زور دۆلەت. بىزنىڭ ھەممە دۆلەت ئەمەل قىلىدىغان بىر قائىدە -تۈزۈمگە ئېھتىياجىمىز بار. مانا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تىنچ ئوكيان ئارا شېرىكچىلىكنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەب. بۇ ئارقىلىق ھەممە قوبۇل قىلالايدىغان تۈزۈمنى بېكىتىشكە ياردەم قىلىش. بۇ بىزنىڭ سودا قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە. بىراق بىز خىتاي بىلەن ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى، بازارنى ئېچىۋېتىش، پۇل كۇرسى قاتارلىق مەسىلىلەردە جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز.

جون كەررىي بۇ سۆزلەرنى يىغىندا بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى قانداق قىلىپ، خىتاينى ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، بازارنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت. ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىگە قانداق باھا بېرىش ئىزچىل تالاش-تارتىشتىكى تېما بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئۆز- ئارا رىقابەتچىمۇ ياكى بىر-بىرىگە قارشى رەقىپلەرمۇ ۋە ياكى يوشۇرۇن دۈشمەنمۇ ؟ بۇ ھەر ئىككى دۆلەت جاۋاب بېرىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان سوئاللار. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە كۈچلۈك ئىختىلاپى بولسىمۇ، بىراق ئىران يادرو مەسىلىسى، تېررورلۇق قاتارلىق بەزى خەلقئارا، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىقى بار.

جون كەررىي يىغىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتە رىقابەتچى بولسىمۇ، بىراق چوقۇم ئۆز-ئارا رەقىب بولۇشى كېرەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ :
-مېنىڭ ھازىرقى ئۈمىدىم شى جىنپىڭ ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ئوخشاشلا بىز بىلەن كەڭ دائىلىرىلىك مۇناسىۋەتنى ئالغا ئاسۈرۈشنى تونۇپ يېتىشى. مەن شۇنداق قارايمەنكى، خىتاي بىر شېرىك سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بىز ئىقتىسادى رىقابەتچى بولساقمۇ، بىراق بىز بىر-بىرىمىزنى رەقىب ھېسابلاپ، نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماسلىقىمىز لازىم. خىتاي ھازىر ئىران مەسىلىسىدە بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بىزنىڭ شىمالىي كورىيە ۋە يىراق شەرقتىكى باشقا مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىمىز بار،- دەيدۇ.

لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىك، خىتاي ئارىسىدىكى تۈپ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدىكى پەرقتۇر. خىتاي نۇرغۇن خەلقئارا كېلىشىملەرگە قول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئورتاق خەلقئارا قىممەت ۋە ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇ ب د ت پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىگە 1998-يىلى ئىمزا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەھدىنامىنى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىدى. تەنقىدچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىتاي قانۇنلىرىدىكى نۇرغۇن ماددىلار ۋە پۈتكۈل ئەدلىيە سىستېمىسى مەزكۇر ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا خىلاپ. شۇڭا بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىلاپى يەنە ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.