كانادا خەلقئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى خىتايغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى پۈتۈنلەي توختىتىشى كېرەكمۇ؟

0:00 / 0:00

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادا خەلقئارالىق تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 2014 - يىلدىن 2015 - يىلغىچە بولغان تاشقى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سوممىسىدىن 377 مىليون دوللار كېسىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەتكە قارىتىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2010 - يىلدىن 2011 - يىلغىچە كانادالىقلار ھۆكۈمەتكە تۆلىگەن باجدىن، خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن 30 مىليون دوللار ياردەم قىلىنغان.

كانادالىقلارنىڭ خىتايغا قىلىنىۋاتقان ياردەمگە ئىنكاسى ھەر خىل بولۇپ، كۆپلىگەن كانادالىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان بۇ ياردەمگە قارشى. ئۇلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، قانۇن ئورگانلىرىدىكى قالاقلىقنى تۇگىتىشتە كانادانىڭ ئىقتىسادى ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئالدامچىلىق، بۇ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئورگانلىرىدا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. بىز بۇ ھەقتە تورونتو شەھىرىدە ياشايدىغان بىرقانچە كانادالىقنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

- مەن خىتاينىڭ كوممۇنىستىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما، بىز خىتاينىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم قىلىپ كوممۇنىستىك رىجىمىدىن خەلقىنى قۇتۇلدۇرالىساق، يەنى دېمەكچى بولغىنىم، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولغان بولسا ياردەمنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

- خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى بار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىشلەتمەيدۇ؟ خىتاي داۋاملىق بېرمىغا ۋە سۇداندىكى دىكتاتورلارغا ياردەم قىلىپ نۇرغۇن پۇل بېرىدۇ، بۇنداق بىر كوممۇنىستىك دۆلەتتە، بىزنىڭ پۇل بىلەن ئۆزگىرىش پەيدا قىلالىشىمىزغا ئىشەنمەيمەن.

- خىتاينىڭ كوممۇنىستىك سىستېمىسى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ھېچنېمىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار بىزنىڭ يانچۇقىمىزدىكى پۇلدىن پەقەتلا پايدىلىنىۋالىدۇ، مەن باج تۆلىگەن پۇللىرىمنىڭ خىتايغا كېتىشىنى خالىمايمەن.

- ئەگەر راستىنلا ئۈنۈمى بولسا، مەن دۆلەتكە باجغا تۆلىگەن پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى خىتايغا بېرىشكە رازى.

ئەمما، كانادا خەلقئارا ئىتتىپاقى مىنىستىرى جۇليان فانتىو، خىتايغا بولغان ياردەمنى توختىتىش ھەققىدە كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆزىدە كانادانىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە قىزىقىشى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان ۋە خىتايدا نەتىجىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى كۈچلۈك بولغان ئورۇنلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دېموكراتلار فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى، كانادادا تۇرۇشلۇق شېڭ خۇە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، جۇلىيان فانتىو نىڭ قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

- ئەمەلىيەتتە كانادالىقلارنىڭ باجغا ئۆتىگەن پۇللىرىنى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۇچۇن ياردەم قىلىش ئىنتايىن ئالىيجاناپلىق. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپلا قالماي، ئۇ ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ كۆپىنى ھەربىينى كۇچلەندۇرۇشكە ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئىچكى جەھەتتىكى مۇقىملىقنى ساقلايمىز دەپ خەلقنى، ئىنسان ھەقلىرىنى باستۇرۇشقا ئىشلەتكەن چىقىمى ھەتتا ھەربىينىڭكىدىنمۇ كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كانادانىڭ بۇ ياردىمى پەقەت يۈزەكى بىر قىسىم جەمئىيەت قاتلىمىغىلا يېتىپ بارىدۇ، بۇ ئىقتىسادنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۇنكى خىتايدا چىرىكلىك ئىنتايىن ئېغىر، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇغىغا كىرىپ كېتىدۇ. مەنچە خىتايغا بۇنداق ياردەمنى داۋاملاشتۇرۇش پەقەت توغرا ئەمەس.

ئۇلار بۇ ياردەمنى، ئالدى بىلەن كانادادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنى كۇچلەندۇرۇشكە، مەسىلەن، خىتايغا قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرىنى كۇچلەندۇرۇشكە ئىشلىتىشى، شۇنداقلا خىتاينى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان مۇتەخەسسسىلەرنى قوللاش ئارقىلىق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئۈنۈملۈك يوللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

نۆۋەتتە، كانادا خەلقئارا تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى پروگراممىلىرى قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. رادىئومىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان لاھىيىلەرگە قىلىنغان ياردەمنىڭ توختىغىنىغا 3 يىل بولغان بولۇپ، بۇ ياردەمنىڭ داۋاملىشىش - داۋاملاشماسلىقى نامەلۇم.