كۆزەتكۈچىلەر: كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن، قىچا ئېكسپورتىدىكى كېلىشەلمەسلىك، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىگە قارا كۆلەڭگە تاشلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، خىتاي تەرەپ كانادادىن ھەر يىلى ئىمپورت قىلىنىدىغان 2 مىليارد دوللارلىق قىچىنىڭ خىتايغا كىرىشىگە چەكلىمە قويماقچى بولغان.

كانادادا چىقىدىغان، يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرەپ 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، كانادادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان قىچىنىڭ تەركىبىدىكى غەيرىي ماددىلارنىڭ 1% تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي، كانادا قىچىسىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى كانادانىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان قىچا مىقدارى، دۇنيا ئېكسپورت ئومۇمى مىقدارىنىڭ 40 %tini تەشكىل قىلغان.

كانادانىڭ ئونتارىئو ۋە كۆبەك ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كانادانىڭ غەربى قىسمىدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان 43000 دېھقان ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان قىچا قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ.

كانادا قىچا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى بىر مەنتىقسىزلىق دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان قىچىلار پەقەت قىچا مېيى ۋە كۈنجۈت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ تەلەپ بويىچە، كانادالىق دېھقانلارنىڭ قىچا تەركىبىدىكى غەيرىي ئۆسۈملۈكلەرنى سۈزۈپ چىقىرىشى تەسكە توختايدىكەن. مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي تەرەپ قىچا ئېكسپورتىغا بۇ خىل تەلەپنى قويسا، كانادانىڭ خىتايغا قىچا ئېكسپورت قىلىشى توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا تەرەپ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە قىچا سانائىتى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارەت كۈنتەرتىپى قىستاپ كەلگەن بىر ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي تەرەپ 1-سېنتەبىردە يولغا قويماقچى بولغان قىچا ئېكسپورتىغا شەرت قوشۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇنداقلا، ستېۋېن خارپەر دەۋرىدىن قالغان كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوغۇقچىلىقلارنى ئوڭلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇئۇ، 30 ئاۋغۇستتىن 6- سېنتەبىرگە قەدەر خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ، بېيجىڭ شاڭخەي، خوڭكوڭ قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ. 43 ياشلىق جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي كانادا سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى باشلاش نىيىتى بولسىمۇ ئەمما، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ يىل ئىيۇندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بەرگەنلىك سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كانادادا، خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا تىجارىتىنى يولغا قويۇشقا بولغان نارازىلىقلار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى. خىتاي تەرەپنىڭ، قىچا ئېكسپورتىغا ئائىت يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشقا ھازىرلىنىپ، خىتايغا قىچا ئېكسپورت قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى، ترېدۇنىڭ خىتاي بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ تۇرماقتا ئىكەن.

كانادالىق كۆزەتكۈچىلەرمۇ، ئەگەر خىتاي تەرەپ 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن كانادانىڭ قىچا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشنى يولغا قويسا، بۇ كانادا خىتاي قوش مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋىتىگە زەربە بولۇشى شۇنداقلا، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇندوڭ بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ۋە خىتاي تەرەپ سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پايدىلىق يوللىرىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپ قىچا ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، قىچىدا مەۋجۇت بەزى غەيرىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئالدىنقى 5 يىلدا، قىچا كانادانىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، دېھقانچىلىق سانائىتى تارماقلىرى كانادا دېھقانلىرىنى، خىتاي يولغا قويىدىغان يېڭى بەلگىلىمە كانادا يېزا ئىگىلىكىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان.ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى بەلگىلىمە، پەقەت كانادالىق دېھقانلارنىلا زىيانغا ئۇچۇرتۇپ قالماي بەلكى كانادادىكى يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئېكسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رىچاردسون قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدىكەن.

كانادا قىچا ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاتتى مىللەر: «خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسى، كانادا قىچىسىنىڭ زەنجىرسىمان ئىچكى باھاسىغا، زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن ئۇ يەنە خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان كانادا قىچىسىغا يۇقىرى باھا بېرىپ: «كانادا قىچىسى كاناداغا مەنسۇپ ئەڭ قىممەتلىك ئېكسپورت مەھسۇلاتى» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، كانادانىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە مۇنبەت يەر شارائىتى، قىچا ئىشلەپچىقىرىشقا تازا ماس كېلىدىغان بولۇپ، كانادانىڭ قىچىسى سۈپەت جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

ترېدۇ ھۆكۈمىتى، مۇخبىرلار سورىغان، خىتاي 1-سېنتەبىردە يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان بۇ يېڭى قىچا ئىمپورت بەلگىلىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، قىچا ئېكسپورتىنىڭ كانادا خىتاي قوش مەنپەئەتلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن..

كانادانىڭ خەلقئارالىق سودا تىجارەت مىنىستىرى كىرىستىئا فرېلاند خانىم بۇ مەسىلىنى جۇستىن ترېدۇ خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي تەرەپ قىچا ئىمپورتىغا نىسبەتەن، 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇپ قالسا، بۇ جۇستىن ترېدۇ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

چارشەنبە كۈنى ئوتتاۋا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي تەرەپ قىچا ئىمپورتىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىسا، كانادا خىتاي قوش تەرەپلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.