ئەل ئاۋام ئېغىر كۈندە قالغاندا ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى بۇرچ، خەير ساخاۋەت ئىشلىرىنى تىجارەت ئەقىدىسى قىلىش مىللىي كارخانىچىلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەنئەنىسى.
بىر كارخانىنىڭ قەدىر قىممىتى، خوجايىننىڭ كاتتىلىقى، پايدىسىنىڭ ھەددى زىيادە ئىكەنلىكى بىلەن ئەمەس بەلكى كارخانىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئەل جامائەتنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن قانچىلىك خىزمەت قىلالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىي كارخانىلىرىنىڭ روھىدىن پەخىرلەنمەي سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز، بۇ قېتىم كېرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئۇيغۇر مىللىي كارخانىچىلار ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنىڭ خەلققە ۋاقتىدا سۇنغان ئىللىق ياردەم قوللىرى بۇ ئۇدۇمنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللىي كارخانىچىلارنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۆز كارخانىچىلارنى قانداق قىلىپ قوللاش، قانداق قىلىپ ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش جەھەتتىمۇ ئويلانماقتا. بۇ تېمىدا بىز ئىلگىرى بۇغراخان كىيىمچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى كارخانىچىلاردىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان غەيرەت روزى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كارخانىچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەرنىڭ سەركىسى بولغان مۇسابايلار ئەۋلادلىرىدىن ئامېرىكىدىكى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەر بىلەن پىكىرلەشتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.