ئۇيغۇر ئائىلىگە تۈرك شەھەر باشلىقى ئىگە چىقتى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىگە تۈركىيە ئىزمىر مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىگە چىقىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.

مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۇندىن 5 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ بېسىمىدىن مانىساغا قېچىپ كېلىپ كونا بىر ئامباردا يېتىپ قوپقان 5 ياشتا بىر پەرزەنتى بار ئېرشات مەخمۇت ئائىلىسىگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ئائىلىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇلارغا يۇنۇس ئەمراھ مەھەللىسىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بەرگەن. ئارقىدىنلا ئېرشات مەخمۇت بىلەن ئايالى ئايشە قادىرنى ئاتاتۈرك كەنت باغچىسىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئېرشات مەخمۇت 1-ئۆكتەبىر كۈنى مىللەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، بىر بالىسى ۋە ئايالى بىلەن 3 جاننىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يېقىندا مانىسا شەھىرىنىڭ باشلىقى جېڭگىز ئەرگۈن ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تۇرمۇش جەھەتتىن خاتىرجەم بولغانلىقىنى ئېيتقان. 5 ياشتىكى ئوغلى ئىمراننى مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەسلىسىگە بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

شەھەر باشلىقى جىڭگىز ئەرگۈنگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز

نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تۇرمۇشىنىڭ ئەمدىلەتىن ئاستا-ئاستا تۈزىلىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان ئېرشات مەخمۇت ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
مەن ئۇيغۇر تۈركىمەن. خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ مانىساغا كەلدىم. بەش ياشلىق بىر ئوغلۇم بار. ئايالىم بىلەن مانىسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدۇق. بالامنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەسلىسىگە بەردۇق. تۇرمۇشىمىز ئاستا-ئاستا تۈزۈلۈشكە باشلىدى. مانىسا خەلقى مېھماندوست بەك ياخشى ئىكەن. مانىسا شەھەر باشلىقى جېڭگىز ئەرگۈن بەك ياخشى ئادەم ئىكەن، بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىگە چىقمىغان بولسا كوچىدا قالاتتۇق

ئۇيغۇر مۇساپىر ئىلشات مەخمۇتنىڭ ئايالى ئايشە قادىر خانىم 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان مىللەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، مانىسا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىگە چىقمىغان بولسا تالادا قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: شەھەر باشلىقى جېڭگىز ئەرگۈن بىزگە ئىگە چىقتى. ئىشىكىنى ئاچتى. ئەگەر ئۇ بىزگە ئىگە چىقمىغان بولسا، تالادا قېلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق. بەزى كىشىلەر بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىمىزنى خالىمىدى. ھازىر خىزمىتىمىز بار. مۇدىرىمىز ۋە خىزمەتداشلىرىمىزمۇ بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. شەھەر باشلىقىمىز جېڭگىز ئەرگۈن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن.

تۈركىيەدە نۇرغۇن ئىشسىز ئادەملەر تۇرۇپ بۇنداق بىر ئۇيغۇرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدىكى قىيىنچىلىقلار نېمە؟ ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئۇزاقتىكى قېرىنداش دەپ كۆرىدىغانلىقىنى، شۇڭا مانىسا شەھەر باشلىقىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، يەنە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنىي ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، يېقىندا خۇش خەۋەرنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.