ياپونىيەدە مالايشىيا ۋە تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.10.22

بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى ياپونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن قۇرۇلۇش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان شۇنداقلا ئاسىيانىڭ كېلەچىكى، تەرەققىياتى، تىنچلىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى.

ئىئانە توپلاش پائالىيىتى شۇ كۈنى مەزكۇر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئاسىياغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىئانە توپلىغۇچىلار ئۈنلۈك ئاۋازدا «كۆپچىلىك، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىڭلار،رەھمەت سىزلەرگە!» دېگەندەك سۆزلەرنى توۋلىشىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىئانە توپلاشقا قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ھەممە بىردەك كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشنى كۆزلەپ بۇ پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق» دېدى.

يىغىن مەزگىلىدە ئالاھىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چالىد خانىمنىڭ تايلاندىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ خىزمەت تەرتىپىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، مۇساپىرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئامان-ئېسەن كېتىشىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ياردەملەرگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىپ يىغىن ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشتا كۆپلەپ ئىئانە بەردى.

يىغىندا يەنە تايلاند، بىرمىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى ئىموتو ئەپەندىنىڭ ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەر قايسى دۆلەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىمۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىكى ئاكتىپ ئەزالاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىموتو ئەپەندىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەمدە بولۇش نىيىتىدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتىم.

ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە ئالاھىدە ئىئانە بېرىش ئۈچۈن كەلگەن فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، گەرچە ئۆزلىرى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاكتىپ ئىشتىراك قىلالمايۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ۋەتەن داۋاسى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئىشى ئەپەندى كۆپچىلىككە ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزى، ئۆزىنى ئاسىيالىق دەپ ھېسابلىغان ھەر بىر ياپونىيەلىكنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن بەشكە قەدەر داۋاملاشتى. پائالىيەتتىن كېيىن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىلغان پۇللارنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پائالىيەتتىن كېيىنكى كەچلىك تاماقتا، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان ئىموتو ئەپەندى بىزگە، يېقىندا تايلاندتىكى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك بىر دىپلوماتى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ: «ۋۇي، ياپونىيەلىك ئىموتو! سەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشىغا تولا ئارىلاشما! ياپونىيە كىچىككىنە بىر دۆلەت، سەنلەر بىز بىلەن ئۇرۇش قىلالمايسەن» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئاخىرىدا، بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇتقا ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.