ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامرات مەكتەپلەر مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتايدىكى « سىننا» قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە يوللانغان يەكەن ناھىيىسى دامسى يېزىسىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ، ئىشىك-دېرىزىلىرى تاختاي بىلەن مىخلىۋېتىلگەن، نۇر ئۆتۈشمەيدىغان،پارتا-ئورۇندۇقسىز سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتقان نامرات بالىلار،نامدا ئىشخانا دەپ ئاتالغان ئەمما ئىش ئۈستىلىمۇ بولمىغان ئۆيدە ئورۇندۇق ئۈستىگە نانلىرىنى تىزىپ غىزالىنىۋاتقان ئىككى نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۈرىتى تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

«سىننا» قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىنكاس يازغان تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇ مەكتەپ ئۈچۈن ئىئانە توپلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا پارتا-ئورۇندۇق، مۇئەللىملەرگە ئۈستەل ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان بولسا، يەنە بەزى تورداشلار ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، يەكەندىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوخشاش ئەھۋالنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئورتاق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ،ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى مىللىي مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەشۋىق قىلىۋاتقان «تەرەققىيات قۇرۇلۇشى»دىن بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل تەڭسىز سىياسەتنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

يەكەن ناھىيىسى دامسى يېزا مەكتىپىنىڭ «سىننا» تورىغا يوللانغان سۈرەتلەردىن يەتتە پارچىسى «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە سىننا تور بېكىتىدىكى ئىنكاسلاردىنمۇ نەقىل ئېلىنغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە،يەركەن ئىسىملىك بىر تورداش ئۆز نارازىلىقىنى «ئەسلى مائارىپتا بولسىمۇ باراۋەر سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باراۋەر تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. ھەممىسى ئوخشاشلا جۇڭگو گراژدانى بولغاندىن كېيىن، باراۋەر مۇئامىلىگە ئوخشاش تەقسىماتقا ئېرىشكەن بولسا توغرا بولاتتى!» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋادىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ئۆز يېزىسىدىكى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر ۋە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار يولۇققان قىسمەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچى بايانىدا، يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان ئىلى رايونىدىكى چەت يېزىلاردىكى نۇرغۇنلىغان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ نامراتلىقى باھانە قىلىنىپ، خىتاي تىلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىلىپ، قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش مائارىپ سېپىدە 20 يىلدىن ئارتۇق «خەلق ئوقۇتقۇچىسى» دېگەن نام بىلەن ئايلىقىغا 300 سومدىن 400 سومغىچە مائاش ئېلىپ چەت يېزىلاردا 20 يىللاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر تۈركۈم يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «رەسىمى ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى يوق» ياكى «خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن» دېگەن باھانىدە ئىشسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى،يېزىدىكى مەكتەپلەر تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن يىراق ناھىيە بازىرىغا بارالمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشتەك پاجىئەلىك قىسمەتكە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرى مەلۇم يېزا مەكتىپىدە ئۇزۇن يىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پېنسىيىگە چىققان بىر نەپەر پېشقەدەم مائارىپچى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى، تەبىئىي بايلىقلارنى زىيادە ئېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى مەقسەت قىلغان تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدىن يەنىلا كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ يېتەرلىك مائارىپ تەمىناتىغا ئىگە بولالمايلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ«قوش تىللىق مەكتەپ» نامىدا، خىتايچە مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىلىپ، ۋەيران بولۇش، يوقىلىش ھالىتىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىي تىلدىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەرنىڭ، «قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇش» ياكى «ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ناچار» دېگەن باھانىلەردە خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىش شامىلى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا 2007-يىلدىن 2012-يىل يىل ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كۆپلىگەن مەكتەپنىڭ قىسقارتىۋېتىلگىنى بىلدۈرۈپ،بۇ سىياسەتنىڭ يېزا بالىلىرى ئوقۇشسىز قېلىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

رادىئومىز 2009-يىلى 5-ئايدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،پەقەت غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى بايانداي، پەنجىم،دادامتۇ قاتارلىق يېزىلاردىكى مىللىي مەكتەپلەردىنلا 17 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن. بۇ يېزىلاردىكى بالىلار غۇلجا شەھىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئىقتىساد يېتىشمەي ئوقۇشسىز قېلىشى، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى نارازى قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرز قىلىپ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئابلىكىم ئىسىملىك مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى «يېزا مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىش» سىياسىتىنى ئاقلاپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ «نامرات،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ناچار بولۇشتەك ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قىسقارتىۋېتىلىپ، بۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىق سىنىپلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.