كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشى بايقالماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ قازاقىستاندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرى كەرىم مەسىموفلار بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىغان ئىدى. تەرەپلەر قورغاس خەلقئارا سودا مەركىزىنى، تۆمۈر ۋە ئاپتوموبىل يوللىرىنى سېلىش، شۇنداقلا سودا-ئىقتىسادىي، مەبلەغ سېلىش، يېقىلغۇ-ئېنېرگىيە، ترانزىت-ترانسىپورت ساھەلىرى بويىچە يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. خىتاي ۋەكىلى شۇ ۋاقىتتا قازاقىستان تېررىتورىيىسىدە ئەينەك، سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى قايتا ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر قاتار ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
خىتاي شۇلارنىڭ بىرى «سېنتىر ئاسىيا» تور گېزىتىدە بېرىلگەن «نېمە ئۈچۈن كارخانىلىرىنى قازاقىستانغا كۆچۈرمەكچى» ناملىق ماقالىدۇر. ئۇنىڭدا قازاقىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كەرىم مەسىموف ۋە ئىلى كېچياڭنىڭ يېقىن ئارىدا بەزى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەينەك ۋە سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ھەم يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى قايتا ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈرۈلۈشى ھەققىدە كېلىشكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قازاقىستاننىڭ قانداق پايدا ۋە زىيان كۆرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروئاسىيا ئىتتىپاقىدا سودا باجلىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچار بولۇپ قالدى، يەنى خىتاي تاۋارلىرىنى سېتىپ ئېلىش قازاقىستانلىقلار ئۈچۈن ئىلگەركىدەك پايدىلىق بولماي قالدى. كارخانىلارنىڭ قازاقىستان تېررىتورىيىسىگە كۆچۈرۈلۈشى خىتاي تاۋارىنىڭ قازاقىستانلىق تىجارەتچىلەرنى يەنىمۇ ئۆزىگە تارتىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ، ئىلگىرى ئۇلار بۇ تاۋارلارنى شىنجاڭدىن سېتىۋالاتتى، ئەمدى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەيدىغان بولىدۇ.» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئومۇمەن قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىگە كارخانىلارنى كۆچۈرۈش خىتاينىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىغا كىرمىگەن ئىدى. خىتاي كومپانىيىلىرى ئۈچۈن ئۆز كارخانىلىرىنى ۋىيېتنام، كامبودژا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن قاتارلىق خىتايغا يېقىن مەملىكەتلەرگە كۆچۈرۈش كۆپرەك پايدا ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. چۈنكى بۇ ئەللەردىكى ئەمگەك كۈچى خىتايغا قارىغاندا ئەرزەنىرەك ئىدى. ئامما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىمۇ پايدا ئېلىش مۇمكىن ئىدى.
ماقالىدە يەنە قازاقىستاننىڭ ئالىدىغان پايدىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كۆپلىگەن ساھەلەر بويىچە قازاقىستان ئىقتىسادى خىتاي ئىمپورتىغا بېقىنىپ كېلىدۇ. يەنى يېڭى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنى قازاقىستانلىقلار ئىلگىرىمۇ خىتايدىن سېتىۋالاتتى. مەسىلەن، قازاقىستاندا تامامەن ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان ئەينەك ئاساسەن شىنجاڭدىن ئىمپورت قىلىناتتى. ئەگەر ئۇ مەملىكەت تېررىتورىيىسىدە چىقىرىلىدىغان بولسا، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسى ئېنىق. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ھەققىدىمۇ شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇ.» شۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇ كارخانىلار پەقەت قازاقىستاننىڭ ئىچكى بازارىنى بېيىتىشقا قارىتىلغانمۇ ياكى مەھسۇلات قوشۇمچە يەنە سىرتقىمۇ چىقىرىلامدۇ؟ قانچە قىلغان بىلەن، بۇ تىجارەتچىلەرگە ۋە ئىستېمالچىلارغىمۇ، دۆلەتكىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى خىتاي تەرەپتىن، ئادەتتىكى ئىشچىلىرى يەرلىك ئاھالىدىن بولماقچى. ئەمدى ئېكولوگىيە مەسىلىسىگە كەلگەندە، ماقالىدە مۇنداق كارخانىلارنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا ۋە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەنسىرەيدىغان پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي قارشىلىقلىرىغىمۇ دۇچ كېلىش مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قورغاش بويىچە مۇتەخەسسسىلەرنى تەييارلاشقا ۋە سالامەتلىكنى ساقلاشقا 50 مىليون دوللار ئاجرىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدە قىلغان بىلدۈرۈشى كۆپچىلىكنى ئويغا سالماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف بارلىق تەلەپلەرنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا، مۇنداق خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستاندا قۇرۇلۇشى ھەر ئىككى مەملىكەت ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: « بىرىنچىدىن، يۇقىرى تېخنولوگىيىلەرنىڭ بولۇشى زۆرۈر، ئىككىنچىدىن، ئېكولوگىيەنىڭ بۇزۇلماسلىقى لازىم. شۇنداقلا مۇنداق كارخانىلاردا قازاقىستانلىقلارمۇ ئىشلىسە، ئەلۋەتتە، بۇنى قوللاش كېرەك. ئەگەر كەمچىلىكلەر يوقىتىلسا، مۇنداق لايىھىنىڭ پايدىسى ھەممىگە تېگىدۇ.» غ. ئاگېلېئۇئوف بۇ جەرياندا ئەينەك ۋە سېمونت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۆزسىز ئەتراپتىكى مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە كارخانا ئېگىلىرىنىڭ ۋە بەزى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمگەك قائىدىلىرىنى، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ۋە ئاھالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە چوڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.