قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئۆيلەر چېقىلماقتا

0:00 / 0:00

قاراماي شەھىرىدە 25-مارت سەھەر سائەت 1 لەردە يۈز بەرگەن داشىگو رايونىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە يەرلىك دائىرىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى، 3 ئايلىق ئىجارە ئۆي ھەققىنى بېرىپ ۋاقىتلىق تۇراقلاشتۇرغان ئىدى.

يېقىندا قاراماي رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى تور بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 11-ئاينىڭ باشلىرىدا يەر-زېمىن ئىدارىسى قاتارلىق بىرلەشمە گۇرۇپپىلاردىن 20دىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن غەربىي تاشلىق جىلغىسى رايونىدا قانۇنسىز ئۆي سالغان 27 ئائىلىلىكنى، داشىگو رايونىدا قانۇنسىز سېلىنغان 32 ئائىلىلىك بولۇپ، 3600 كۋادرات مېتىرلىق يەردىكى ئۆيلەرنى چېقىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

بىز قاراماي رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆيلىرى چېقىلغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قارىتا پاراۋانلىق تەدبىرلىرى بېكىتكەن ياكى بېكىتمىگەنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

قاراماي شەھەرلىك ئالاقىدار ئىدارىگە تېلېفون قىلىپ ئالاقە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفون قوبۇل قىلىنمىدى. بىراق، بىز قاراماي شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاراماي نوپۇسى بولمىغان پۇقرالار ئۈچۈن، تۆت يۈرۈش تۆۋەن ئىجارىلىق بىنا سالغان بولۇپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان ئۆيلەر بىر ئېغىزلىق، ھاجەتخانىسى بار، ئەمما ئاشخانىسى يوق بىنا ئۆي ئىكەنلىكى، بۇ ئۆيلەرنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆينى چېقىش توختامىغا قول قويۇش كېرەكلىكى، ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن ئاندىن 23 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە ئىگە بولىدىغانلىقى، ئىجارە ئۆيگە مۇنچا ۋە ئىس تاتقۇ ئورنىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

دائىرىلەر مۇنچا ئۈچۈن ئاممىۋى مۇنچا سالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇنداق كىچىك ئۆيدە ھەم تاماق ئېتىپ يېيىش، بالىلىق يېتىپ قوپۇش ئەپسىزلىكىنى ئىنكاس قىلسىمۇ، دائىرىلەر چاتىقى بو لمايلا قالماستىن، يېشى چوڭلار ئۈچۈنمۇ يۇقىرى قەۋەتتىن ئۆي تەقسىم قىلغان. قاراماي ئاھالىلىرى بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەكىلى ئىچىدىكى 5 كىشىدىن ئابلىمىتخان ۋە تۇرسىناخۇن ئىسىملىك 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئىككى كىشى قاراماي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

ئىگىلەش داۋامىدا يەنە، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئابلىمىتخان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تەقسىم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭغا قانداق جىنايەت بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلمىغان.