خىتاي-پاكىستان دوستلۇق تاشيولى پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرگە «دوستانە» مۇئامىلە قىلمىغان

0:00 / 0:00

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا زور پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان بولسا، پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش يوسۇندا بۇ قۇرۇلۇشتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. بىراق، بەزى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، بۇ ئىقتىسادى كارىدوردىن ھەر ئىككى تەرەپ ئەمەس، بەلكى پەقەت خىتاي ئۆزىنىڭلا نەپ ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىتاي-پاكىستان دوستلۇق تاش يولى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قارمىقىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى تاش يول، تۆمۈريول ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن پاكىستانغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زور مەنپەئەتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ كەلمەكتە. بىراق، رايوندىن ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلار بۇ پايدىنىڭ پەقەت خىتايغىلا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۈگۈن، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مانا بۇ خىتاي-پاكىستان دوستلۇق تاشيولى ئارقىلىق خىتايغا بېرىپ-كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان بەزى تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلانغان بىر خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەر ماقالىسىگە «خىتاينىڭ دوستلۇق تاشيولى پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ چۈشىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان-خىتاي دوستلۇق تاشيولىدىكى ئەمەلىيەت بۇ يەردە مەنپەئەتنىڭ پەقەت بىرلا تەرەپنى يەنى خىتاينى چىقىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. خىتاي چېگراسى تەرەپتە سودا قىلىۋاتقان مۇراد شاھ ئىسىملىك بىر پاكىستانلىق تىجارەتچى مۇخبىرغا «خىتاي بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ھىمالايادىنمۇ ئېگىز، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر دەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭدا سەمىمىيەت يوق. بۇ ئىشنىڭ پاكىستانلىقلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق. بۇ پەقەت خىتاينى زورايتىشنىلا مەقسەت قىلغان» دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا پاكىستاننىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسى 8 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ پاكىستانغا قىلغان ئېكسپورتى بىراقلا 29 پىرسەنت ئۆرلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ خىتاي تەرەپكە جۈملىدىن قەشقەرگە ئەكىرىپ سېتىۋاتقانلىرى پەقەتلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان، سوپۇن، ئەتىر، ئاز قىممىتى بار تاشلار، گىلەم قاتارلىق ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر بولۇپ، پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر مۇشۇ ماللارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن جاپا تارتىدىكەن. مۇھەممەد ئىسىملىك بىر پاكىستانلىق تىجارەتچى مۇخبىرغا خىتاي تەرەپتىن قانداق مال ئەكىرسە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدىغانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە تېخى پاكىستاندىن قانداق ماللارنى كىرگۈزۈشكە بولىدىغانلىقى، باجنىڭ قانچىلىكىگە ئائىت ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوقلۇقىنى ئېيتىپ، «بىر كۈنى ئۇلار 5 پىرسەنت دەيدۇ، بىر كۈنى 20 پىرسەنت دەيدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا تۇرۇپلا بۇ مالنى ئەكىرىشكە بولمايدۇ، دەيدۇ» دېگەن.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئىلگىرى پاكىستان-قەشقەر ئارىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تىجارەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر بۇ تىجارەتنى خىتايلار كونترول قىلىپ ، ئۇيغۇرلار بۇ تىجارەتنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى، پەقەت پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، پاكىستانلىقلار ئۆزىنىڭمۇ ھازىر خىتاي بىلەن بولغان بۇ تىجارەتتە قېيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇ پاكسىتان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ پاكىستانلىقلارغا پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان-خىتاي تاشيولى ئارقىلىق تىجارەت قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەر ئۈچۈن بۇ يولدىكى ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. شاھ ئىسىملىك بىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، قەشقەر بىلەن تاشقورغان ئارىسىدىكى 300 كىلومېتىرلىق ئارىلىقتا شوپۇرلار 6 يەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا شوپۇر ۋە يولۇچىلار ھەممىسى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، مېتال تەكشۈرگۈچى ئۈسكۈنىدىن ئۆتىدىكەن. ساقچىلار يولۇچىلاردا ئەرەبچە يېزىلغان نەرسىلەر بار-يوقلۇقىنى، تېلېفونلىرىدا قانۇنسىز مەزمۇنلار بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىكەن.

شاھ ئىسىملىك پاكىستانلىق كىشى مۇخبىرغا ئۆزى بىرىنچى قېتىم قەشقەرگە كەلگەندە بۇ تەدبىرلەردىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر كۆنۈپ كېتىپ، بەزىدە ئۆزىنىمۇ بىر ساقچىدەك ئويلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە دۇكان ئېچىۋاتقان پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرمۇ كۈندە شۇ جايدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، قاتناشمىسا دۇكىنى تاقاپ قويۇلىدىكەن. قەشقەردە دۇكان ئاچىدىغان پاكىستانلىق مۇھەممەد مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بۇ ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تىجارەت ئۈچۈن بىر توسۇق دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «مەن يەنە 3 يىل قاراپ باقاي دەيمەن. ئەمما مەڭگۈ بۇنى ساقلاپ تۇرالمايمەن. چۈنكى نۇرغۇنلار ئاللىقاچان قايتىپ كەتتى» دېگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ سۆزىدە، ھازىرقى بۇ تەڭسىزلىكتىن نۇرغۇن پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر شىكايەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىش ئىمكانى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ مەسىلىلەردە يېقىندا ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىفنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا نۇرغۇن پاكىستانلىقلارنىڭ ھازىر يېڭى چىققان باش مىنىستىرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوڭلاپ، تۈزىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھالبۇكى، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ ئەسلىدىلا تىجارەتتىن بەك، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ميۇنخېندىكى لۇدۋىگ ماكسمىلىيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالېسساندرو رىپا فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، «مەنچە، بۇ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ جۇگراپىيەۋىي سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھەم شۇنداقلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئېشىپ قالغان ماللىرىنى ساتىدىغان بىر ۋاسىتە، دەپ چۈشىنىش ئەڭ مۇۋاپىق» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى پانوما ئىنىستىتىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بولسا سۆزىدە، خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك تىجارەتلەردە يەرلىك خەلقلەرگە نەپ تېگىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «خىتاي ھەرقانداق بىر دۆلەتكە مەبلەغ سالغاندا يەرلىكلەرگە پايدا بەرمەيدىغان ئادىتى بىلەن داڭقى چىقىپ بولغان. مەسىلەن، خىتاي سىرىلانكىدا كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى قىلغاندا ئۇ يەرگە پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىشچىلىرىنى ئېلىپ بارغان، ئۆزىنىڭ خام ئەشيالىرىنى ئىشلەتكەن. بۇنداق ئەھۋاللار ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى ئىش پىلانلىرىدىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ، يەرلىكلەرنىڭ كۆپ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ھەتتا بەزى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يۈز بەرگەن. دېمەك، خىتاينىڭ بۇنداق پىلانلىرىنىڭ شۇ جايدا ئىش ئىمكانى يارىتىشقىمۇ پايدىسى بولمىغان. شۇڭا مەن بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى قارمىقىدىكى بۇ يوللارنىڭمۇ يەرلىكلەرگە نەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. خىتاي پەقەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تاشيول، تۆمۈر يول ياساپ قويۇش بىلەنلا پايدا ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.»

يېقىندا «بېنگال ۋاقتى» گېزىتى بىر خەۋەر تارقىتىپ، پاكىستاندىكى داڭلىق زىيالىيلاردىن ھېسابلىنىدىغان ۋە كولومبىيە ھەم كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە تەكلىپلىك پروفېسسورى بولغان ئەكبەر زەئىدى ئەپەندىنىڭ بۇ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تەنقىد قىلىپ، «پاكىستان خىتاينىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىدىن ۋاقىتلىق پايدا ئېلىشى مۇمكىن. بەلكىم ئازراق ئىش ئىمكانلىرىمۇ يارىتىلىشى مۇمكىن. ئەمما، بىز خىتاي مەبلىغىدىن سۆز ئاچقاندا سىرىلانكا، تاجىكىستان ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانداق مۇنقەرز بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ دۆلەتلەر خىتايغا قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى خىتايغا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. جۈملىدىن، بىزنىڭ پاكىستاندىن ئەنسىرەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلىرىمىز بار» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.