شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان قوزغىغان«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» دولقۇنىدا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەتئەللەرگە قاچقان پارىخور ئەمەلدارلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىپ جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى باشلىغان بۇ ھەرىكەت ھەققىدە ھەر خىل ئىنكاسلار كۆپەيدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى»نىڭ 24-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، شى جىنپىڭ قوزغىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«پۇل مۇئامىلە گېزىتى» مۇخبىرى داۋىد پىلىن تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاينىڭ يولۋاسنىمۇ، چىۋىننىمۇ يوقىتىش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ» ناملىق ماقالىدە، گەرچە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى باشلىغان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، خىتايدا مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسۇن ياكى ناھىيە دەرىجىلىك - تۇەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولسۇن، ئەگەر ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان بولسىلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغان ھاكىمىيەت بولغىنى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ باشلىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى ئوتى نۆۋەتتە ۋەزىپىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ھەتتا شى جىنپىڭ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ تۇتىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ھەرىكەتنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى ياكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۈگۈن يەنە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان«تايمىس گېزىتى»، «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»، «گېرمانىيە ئاۋازى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرىدىمۇ «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ بارغانچە كېڭىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىدە ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
«تايمىس گېزىتى» دىكى خەۋەر ئانالىزىدا، خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان ھەربىي مانېۋىرلار سەۋەبىدىن 15-ئاۋغۇستقىچە شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى 12 ئايرودرومدىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشتىن توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشتىن توختىشى قانداقتۇر «ھەربىي مانېۋىر سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى خىتاي چېگراسى ئىچىدە تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر» دېيىلدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا خىتايدا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان «يېقىنقى يىللاردا چەتئەلگە قاچقان پارىخور ئەمەلدارلارنى 2014-يىل بىر يىل ئىچىدە خىتايغا ئېلىپ كېلىپ جازالايدىغان»لىقى ھەققىدىكى ئېلانلار تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى شى جىنپىڭ گۇرۇھى بىلەن جياڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۆز كۈچىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خىتاي ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى ئېلشات ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خىتايدىكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئانالىزلارنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئەڭ توغرا ئانالىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى باشلىغان«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە خىتايدىكى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەم ئىلگىرىكى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، دېڭ شياۋپىڭ ھەتتا ئەڭ پاك ئەمەلدار دەپ تەرىپلىنىدىغان سابىق باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىقلارنىڭمۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ھوقۇق جەھەتتىكى قۇلاي پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى پارىخورلۇق بىلەن بېيىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شى جىنپىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ، شى جىنپىڭ قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە ئەنگلىيە تايمىس گېزىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەگەر شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىۋەتسە، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئوتنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە تۇتىشىدۇ» دېگەن قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئاتالمىش «چوڭ يولۋاسلار»غا زەربە ھەرىكىتى ئەگەر راستلا شى جىنپىڭ دېگەندەك «پاك بولمىغان بارلىق ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىش» نىشانى بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ ھالدا خىتاي كومپارتىيىسىدە ھەممە ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلارنىڭمۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئەمەلدارلار بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغاندىكىدەك خىتاي كومپارتىيىسىدە پاكلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ مەلۇم مەزگىلگىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بېسىشىغا ياردەم بېرىش رولىنىمۇ ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىۋاتقان «قۇللۇق ئىدىيىسى»نىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ ۋە كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە يەنىلا ئۈمىد باغلاۋاتقان نادان پۇقرالار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەنىلا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل دۆلەت سورىشىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولىدىغانلىقىنى،ئەنە شۇ چاغدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.