خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى توقۇمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى پاكىستان توقۇمىچىلىقىغا خىرىس پەيدا قىلغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى 10 يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2023‏-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلىرىدا زور كۆلەملىك پاختا توقۇمۇچىلىق سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان. دائىرىلەر بەزى ئالاھىدە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بەزى فابرىكىلىرىنى يۇقىرىقى جايلارغا كۆچۈرۈپ چىقىشى، توقۇمىچىلىق سانائەت بازىلىرىنى قۇرۇپ، يېڭى فابرىكىلارنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولغان.

2016‏-يىلى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسىنىڭ ئۆزىدە 22 كارخانا ئېچىلغان. خىتاينىڭ رۇيى توقۇمىچلىق گۇرۇھى قەشقەر كونا شەھەردە يۇقىرى تېخنىكا توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسىنى قۇرغان. دائىرىلەر يەنە 8 مىليارد 430 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، كورلادا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى، ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان 95 پىرسەنت مەبلەغنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تەرەققىيات پىلانى پاكىستان توقۇمىچىلىق سانائىتى سەھەسىدىكىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغان. پاكىستاندا قەشقەر-گۇۋادار ئىقتىسادى كارىدورى پاكىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت، دەيدىغان تەسىرات كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق پاكىستان توقۇمىچىلىق ساھەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق بازىلىرىنى«ئەسلىدىنلا خەلقئارا رىقابەت ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىدە قىينىلىۋاتقان پاكىستان توقۇمىچىلىق سانائىتىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ،» قارىماقتىكەن.

پاكىستاندىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ درىكتورى، پاكىستان سودا-تىجارەت جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چىھاۋدرىي مۇھەممەت ناۋاز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى قاراشقا قېتىلىدىغانلىقى، چۈنكى پاكىستان ھازىر ئىمپورت دۆلتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەت ناۋاز مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇنىڭغا قېتىلىمەن. بىز بۇرۇن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلاتتۇق. لېكىن ھازىر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدۇق. پاكىستان توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ بۇ رىقابەتتە ساقلىنىپ قېلىشىغا كۆزۈپ يەتمەيدۇ. بىز ھازىر ھەممە نەرسىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتىمىز. بىز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس، ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇق. پاكىستان ئوتتۇرىدىكى ۋاستىچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دىگەن قاراشقا قوشۇلىمەن. مۇشۇنداق ماڭسا پاكىستان توقۇمىچىلىق ئىگىلىكى نۆلگە ئايلىنىدۇ. بىز ھەممە نەرسىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان بولىمىز. بىز خىتاي بىلەن توقۇمۇچىلىق ساھەسىدە رىقابەتلىشەلەيمىز، دەپ قارىمايمەن. مەن پاكىستان سانائىتىنىڭ پۇت تىرەپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ھازىرغا ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنى ساقلاپ قېلىش مۈمكىندەك قىلمايدۇ.»

مۇھەممەت ناۋاز يەنە پاكىستان ھېچقاچان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ پاكىستان سانائىتى ۋە ئۇنىڭ ئىشلەپچىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ باقمىغانلىقى شۇنىڭدەك پاكىستان توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى ئالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

لېكىن بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستاندا يۇقىرىقى ئەندىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەر خىل ئامىللار تەسىر قىلغان. ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ سىياسى پەنلەر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور شيا مىڭ، بۇنىڭدا پاكىستاندىكى سىياسى تەرەپلەرنىڭ زىددىيىتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مونوپول كۈچى پەيدا قىلغان خەۋپ قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىستاننىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئۇ خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەت. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەنە ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غەرب بىلەن يېقىنلىشىشنى، ئۇلارغا ئېچىلىشنى ئۇمىد قىلىدىغان كۈچلەرنىڭ ساداسى يۈكسىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ نۇرغۇن سەلبىي تەرىپى بار. ئۇنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن مەسىلە ۋە توسقۇنلۇق مەۋجۇت. خىتاي پاكىستانغا ئوخشاش قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يېقىنلىق ۋە ھەمكارلىقنى پۇلغا سېتىۋالغان. دىمەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا سۈكۈت قىلىشى مەلۇم شەرتلەرگە باغلانغان. بۇ خىتاينىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقى. بۇ ئاجىزلىق بەزى ۋاقىتلاردا قوشنا دۆلەتلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى بۇ مۇناسىۋەتنى ئېنىقسىزلىق، دېسەك بولىدۇ.»

لېكىن شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىپ، زور كۆلەملىك پاختا توقۇمىچىلىق بازىرىلىرىنى قۇرۇشى بەك چوڭ تەسىرگە ئۇچراپ كەتمەيدىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتىكى زىيىننى ئۇنىڭ ئىچكى بازىرى تولۇقلايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىر يول بىر بەلۋاغنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ئويلىغاندەك ئۇنداق زور پايدا ئېلىپ كېلىشى ياكى خىتاينى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشى ناتايىن. چۈنكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ناھايىتى زور بازىرى بار. خىتاينىڭ پاختا بازىسى شىنجاڭدا. ئۇ نۇرغۇن توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنى شىنجاڭدا قۇردى. ئۇنى پاكىستانلىقلار ئالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بازارلىرىدا ساتالايدۇ. شۇڭا يېڭى يىپەك يولى يىمىرىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆز ئالدىغا خىتاي ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ باشقا ساھەلىرىدە مەسىلە يۈز بەرمىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىپەك يولىدىن كېلىدىغان زىيانغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. »

لېكىن شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر يىپەك يولى توسۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن تەڭ، خىتايدىكى باشقا مەسىلىلەر تەڭ پارتلاپ چىقسا، بۇ خىتاي ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىزى بولۇپ، ئۇ خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى پاختا توقۇمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى، 2020‏-يىلى بىر مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن بۇ پىلان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ پىلان رايوننىڭ نازۇك ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نۇپۇس تەڭپۇقلىقىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەد قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.