قارامايدىكى نېفىت ئىشچىلىرى مائاشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاراماي نېفىتلىكى 60 يىلدىن بۇيان، ئاقبۇلاق، ئورقا، قاراماي، جىمسار قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق رايوندا نېفىتلىك بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلاردىن ئېلىنغان نېفىتلارنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇلتۇرقى ستاتىستىكىدا قاراماي نېفىتلىكىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 11 مىليون 800 مىڭ توننىغا، گاز ئىشلەپچىقىرىشى 27 مىليارد 100 مىليون كۇپمېتىرغا يەتكەن.

قاراماي شەھىرىدىكى ئىشچىلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە شۇنداق قىممەت يارىتىپ كېلىۋاتقان قاراماي نېفىتلىك ئىشچىلىرىنىڭ ئالىدىغان مائاشى 2013-يىلدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشكە باشلىغان. ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەش ۋاقتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ئالغان مائاشىدا چۈشۈش كۆرۈلۇپ، يىل ئاخىرى ھەر يىلى خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە ئالىدىغان مۇكاپات سوممىسىمۇ ئازلاپ، تەمىناتلىرى قىسقارتىلغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئىشچىلارنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئىشچىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ئېلىۋاتقان مائاشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا 1000 سومدىن 1500 سومغىچە ئازايغان. ئۇ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

قاراماي شەھىرىدىكى بىر ئىشچى خانىم قارامايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قاراماي نېفىتىنى تېپىش، نېفىت ئېلىش، بۇرغىلاش قاتارلىق جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلغان، قاراماينى بۈگۈنكىدەك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شەھىرىگە ئايلاندۇرغان يەرلىك ئىشچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاز مائاش ئېلىشقا ھەمدە ئەڭ تۆۋەن ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تۆۋەن مائاشلىق ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئۇ خانىم، ئۆزىنىڭ نېفىت سىستېمىسىدىكى ئەڭ توۋەن خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئېلىۋاتقان مائاشىنىڭ قارامايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش 1200 سوم بولۇپ، 5 يىلدىن بۇيان ئۆسمىگەنلىكىنى، ئۆزى بىلەن بىللە ئاساسلىق ئۇيغۇر، قازاق كىشىلىرى خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، نېفىتلىك خىزمەت ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولسىمۇ، قاتمۇ-قات ئىمتىھان ۋە مىڭدىن بىر پىرسەنتلىك تاللاشتا شاللىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن تەڭ خىزمەتكە كىرگەن خىتايلارنىڭ ئىشخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.

بۇ ھەقتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.