خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم تايانچ سىياسەتنى يولغا قويغان بۇ 35 يىل خىتاينىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدى. خىتاي خەلقئارادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي چوڭ كۈچكە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئارقىدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى» دېگەن تېمىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنى «پۈتۈنلەي سەپسەتە» دەپ رەددىيە بەردى.
خىتاينىڭ دوكلاتلىرىدا «قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلار ئەڭ كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر رايونلار بولۇپ، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك نامرات ئوبيېكت 2 مىليون 660 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك نامرات ئوبيېكت ئومۇمىي سانىنىڭ 81% ئىنى ئىگىلەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
«ئىنسانلار ياشاش جەريانىدا ئىقتىسادىي كىرىم ئارقىلىق تۇرمۇشنى مەلۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا موھتاج، بەخت ماددىي ئېھتىياج، ياخشى ئىقتىسادىي كىرىملا ئەمەس، ئەمما ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم بولمىسا، مەنىۋى خۇشاللىق، بەختتىن سۆز ئېچىش تەس.»
خىتاي «بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نەق پۇل كىرىمى 5 مىڭ 893 يۈەنگە يېتىپ، 14.4% ئاشتى ھەمدە ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى....»، بۇلاردىن باشقا يەنە «بىر قانچە يىلدىن بۇيان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان نىشانلىق ياردەم تۈرلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئۆزگىچە تەرەققىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلىرىغا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كەلدى...» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنى يەنە كۈچەيتتى.
شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلاردا «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى»، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلمىغان بولسا، شىنجاڭ بۈگۈنكىدەك گۈللەپ ياشنىمىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغان بولاتتى» دېگەندەك تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، خىتاينىڭ ئېلان قىلغان بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا. خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچىگە بالىسىنى داۋالاتقىلى كەلگەن بىر ئانا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ بىر يىلدا ئېشىنغان 2 مىڭ يۈەن پۇلى بىلەن بالىسىنى داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەي، يېرىنى ساتقانلىقى، ئاخىرى جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەردىن خىجىللىق ئىچىدە ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقىدەك موھتاجلىق ۋەزىيىتىنى ئىزاھلىدى ۋە يۇرتىدا كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ ئۆزىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئىنتايىن نامراتلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن «ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولغاندىلا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەڭ مۇھىم خىزمەت» دەپ تەكىتلەيدۇ. مەلۇم بولغاندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن-تۈزۈمگە ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش» تە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش،، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇملۇقنى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە.
بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدىن تارتىپ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىگىچە، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىي پايدىسى ئۇيغۇر خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىدە نامايان بولمىسا، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك ئاممىغا نەپ يەتكۈزمىسە، مەجبۇرىي شەكىللەندۈرۈلۈۋاتقان مۇقىملىق مۇھىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قارشى بولسا، مۇقىملىق مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ» دەپ بىلدۈردى.