قازاقىستان ئىقتىسادىنى كېلەچەكتە نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00


كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى قازاقىستان ئىقتىسادىغا ھەم ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتە. نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلاپ كېتىشى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تۆرت ئاي ئىچىدىلا 183 تەڭگىدىن بۈگۈنكى كۈندە 340 تەڭگىگىچە كۆتىرىلىشى كۆپچىلىكنى تەشۋىشكە سېلىپ قويدى. بۇنىڭ بارلىقى، ئەلۋەتتە، قازاقىستاندا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. مەسىلەن، ماكروئىقتىسادىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئولجاس خۇدايبېرگېنوفنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى «زاكون. كز» تور گېزىتىغا بەرگەن سۆھبىتىدە 2016 - يىلى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئەڭ چوققىغا يېتىش مۇمكىنلىكىنى، بىر بارېل نېفىت باھاسىنىڭ 30 دوللارغا چۈشۈپ، ئامېرىكا دوللرىنىڭ 400 تەڭگىگىچە قىممەتلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستاندىكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ھاجەتلىك تاۋارلارنىڭ ھەم يېمەك - ئىچمەكلىكلەرنىڭ قىممەتلىشىگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئو. خۇدايبېرگېنوف نېفىت 30 دوللار ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھەم رۇسىيە، ھەم قازاقىستان ئىقتىسادى ئۈچۈن دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۇنيا ئىقتىسادى نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ قازاقىستان ئىقتىسادىنى كېلەچەكتە نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروف قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ھەم ئۇنىڭدىن چىقىش يوللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەھۋال ھازىرقى ۋاقىتتا قىيىن. ئۇنىڭ سەۋەبى نېفىت تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى ئانالىزچىلار نېفىت باھاسىنىڭ 2016 - يىلى 25 دوللارغا چۈشىدىغان مۇمكىنچىلىكلىرى بار دەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. رۇسىيە، قازاقىستان ۋە خېلى كۆپ مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادى نېفىت بىلەن باغلىنىشلىق. ياخشى تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن نېفىتقا بېقىندىلىقتىن ئاستا - ئاستا قېچىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئىنوۋاتسىيەلىك سانائەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىراق بۇ سىستېمىلىق مەسىلە. بۇ توغرىلىق بىر - ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتىش قىيىن. ئەھۋال 20 - يىللارغىچە مۇشۇنداق قىيىن بولىدۇ، زىددىيەت كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە قوشۇمچە گېئوسىياسىي، گېئوئىقتىسادىي سەۋەبلەر ئەھۋالنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ دېگەن پىكىرلەر بار. كەلگۈسىدە ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولىمىز. قانداقلا كرىزىس بولمىسۇن، ئېغىرچىلىق ئاددىي خەلقنىڭ مۈرىسىگە چۈشىدۇ. قازاقىستاندا بۇنىڭغا ھەر خىل چارىلەرنى كۆرمەكچى، بۇ يەردە ئورتا ۋە كىچىك تىجارەتنى، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە كۆچۈش كېرەك، يېزا ئېگىلىكىگە كۆپرەك دىققەت بولۇشى، ياۋروئاسىيا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى كېرەك.»

مەلۇمكى، قازاقىستان رەھبەرلىكى ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارشى پروگراممىلارنى ئىشلەپ چىقماقتا. بۇ دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مۇراجىيەتنامىلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مۇراجىيەتنامىلەر قازاقىستانلىقلار تەرىپىدىن دايىم جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى گۈلجاھان ھاجىيېۋا قازاقىستاندىكى ۋەزىيەتكە مۇنداق دەپ باھا بەردى:

«ئەلۋەتتە، قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئادەتتىكىدەك ئەمەس. قازاقىستان ئىقتىسادىغا دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىس، بىزنىڭ ئاساسىي ئېكىسپورت تاۋارىمىز بولۇپ كېلىۋاتقان نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلىشى قاتارلىق كۆڭۈلسىز تاشقى ئامىللار تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بارلىقى دۆلەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە، مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىگە سەرپ قىلىنىدىغان خىراجەتلىرىنىڭ قىسقىرىشىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىزنىڭ مىللىي ۋاليۇتىمىزنىڭمۇ كۈچسىزلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. يەنى، بۇ، بىر تەرەپتىن، بىزنىڭ ئېكىسپورتىمىزنىڭ رىقابەتچىلىك قابىلىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاھالىنىڭ رېيال كىرىمى دەرىجىسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەلۋەتتە، كرىزىسنىڭ چەكسىز داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس. مەملىكىتىمىز كرىزىسقا قارشى «نۇرلۇق يول» ئوخشاش پروگراممىلارنى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. بىز، قازاقىستانلىقلار، مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋاللاردا بىللە بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز ھاجەت. بىز، ئەلۋەتتە، بىرىنچى نوۋەتتە، پرېزىدېنتىمىز نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بولساق، پات يېقىندا بۇ ئېغىر كرىزىس دەۋرىنى بېسىپ ئۆتىمىز، دەپ ئىشىنىمىز.»

دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى ھاكىمجان ئارىپوف بولسا، بۈگۈنكى كۈندە شەكىللەنگەن دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىس مۇناسىۋىتى بىلەن ھېچقانداق بىر پاراكەندىچىلىككە بېرىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىڭ بىر - بىرى بىلەن نورمال ئالمىشىش جەريانىنىڭ كېتىپ بارغانلىقى بىلەن چۈشەندۈردى. يەنى بۇ باسقۇچلار تەرەققىياتتىن، توختاپ قېلىشتىن، كرىزىستىن، كۆتىرىلىشتىن، تۆۋەنلەشتىن ۋە باشقىلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ھازىرقى كرىزىس سەۋەبلىرىدىن مونۇلارنى كۆرسەتتى: «بىرىنچىدىن، ھازىر پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىدا تۆۋەنلەش ئەھۋالى خاراكتېرلىك. راستىنى ئېيتقاندا، كېيىنكى يىللاردا ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادى بىر ئاز ياخشىلىنىشقا باشلىدى، لېكىن ئالدى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيە ئوخشاش تەرەققىي ئېتىۋاتقان دۆلەتلەردە، شۇ جۈملىدىن بىزنىڭ ئېلىمىزدىمۇ، ئىقتىسادىي راۋاجلىنىش سۈرئىتى ئىككى ھەسسە تۆۋەنلەپ كەتتى. يەنى بۇ ئومۇمىي دۇنياۋىي كرىزىستۇر. ئىككىنچىدىن، دۇنياۋىي ئىقتىساد چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغانلىقتىن ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە، يەنە شۇ نېفىتقا بولغان ئېھتىياج كەسكىن تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ ئەرزانلىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەملىكەتلەر ۋاليۇتىسىنىڭمۇ ئەرزانلاپ كېتىشىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھازىر دۇنياۋىي ۋاليۇتا - مالىيە سىستېمىسىمۇ كرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇڭلاشقا برىكس مەملىكەتلىرى، يەنى برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئۆز - ئارا ھېساب - چوتلاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋاليۇتىلىرىنى پايدىلىنىش، يەنى ئامېرىكا دوللىرىدىن چېكىنىش مەسىلىسىنى جىددىي قويماقتا. تۆرتىنچىدىن، دۇنيادا ئىقتىسادىي رىقابەتچىلىك كەسكىن كۈچەيدى. خۇسۇسەن، خىتاي "ئىپەك يولى" ئىقتىسادىي ھالقىسىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئا ق ش شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا يېڭى ترانس - ئاتلانتىكىلىق بىرلەشكەن ئىقتىسادىي گۇرۇھنى شەكىللەندۈردى. ھەتتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىمۇ خەلقئارا سودىنى تەرتىپكە سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكى بىردىن - بىر تەشكىلات ئەمەس. بىز بۈگۈن ئۆز - ئارا قاتتىق رىقابەتلىشىشكە چۈشۈۋاتقان بىر نەچچە مەركەزلەرنى كۆرەلەيمىز. بۇ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بىز ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە قوشنىمىز رۇسىيەدىمۇ نېمە بولۇۋاتقانلىقىدىن ياخشى خەۋەردارمىز.»

ھ. ئارۇپوف بۈگۈنكى بۇ ئەھۋالدىن چۈشكۈنلۈككە بېرىلىشنىڭ ئانچە ھاجىتى يوقلۇقىنى، مۇنداق كرىزىسلاردىن كېيىن يەنىمۇ گۈللىنىشنىڭ، تەرەققىياتنىڭ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.