خىتاي قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كۆپەيتمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.02.01
shi-jinping-qazaqistan-tebii-gaz-nazarbayef.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف بىلەن 30 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-سېنتەبىر، ئاستانا.
AFP

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلى ئۆزىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتنىڭ ئاساسىي ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كۆپەيتمەكچى.

«سپۇتنىك» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا 31-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندا ئىشلەنگەن: خىتاي قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىش قۇرماقچى» ناملىق ماقالە ئاپتورى ئالېكساندىر كوندراتيۇك يېقىندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۇپىغا تايانغان ھالدا، مەملىكەتتە خىتاي بىلەن بىرلەشكەن كارخانىلارنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دۆلەت رەھبىرى قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى قۇرۇش بويىچە خىتاي بىلەن بىرلەشكەن مەبلەغ پروگراممىسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە ئىككى تەرەپلىمىلىك شەرتنامىلەرنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى، سېلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى، ئەمدى پەقەت ئىشنى باشلاش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۇشۇ يىلنىڭ 1-سېنتەبىر كۈنىگىچە مەبلەغ ئىستراتېگىيىسىنى ئىشلەپ چىقىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا.

«رادىئوتوچكا»ئاگېنتلىقىنىڭ 26-يانۋاردا ئورۇنلاشتۇرغان «خىتاي مەبلەغچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندا بولۇشىنى كۈچەيتمەكتە» ماۋزۇسىدىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندىكى مەبلەغ مىقدارى 623.9 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلىپ، ئۇ 2015-يىلقىدىن يەتتە ھەسسە ئۆسكەن. ئەمدى قازاقىستاننىڭ خىتاي ئالدىدىكى تاشقى قەرزى ئۆتكەن يىلى 12.3 مىليارد دوللار بولغان. سانائەت ساھەسىدە خىتاي قازاقىستاننىڭ ئاساسىي تۆت شېرىكىنىڭ بىرى بولۇپ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىدا ترانسپورت، سودا، قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلەر بويىچە بەش كېلىشىم ئىمزالاندى. مەبلەغ جەلپ قىلىش مەقسىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىدە ئورۇنلاشقان «قورغاس» خەلقئارا چېگرا ئارا ھەمكارلىق مەركىزىنى سېلىش ھەم ئۇنى پايدىلىنىشقا بېرىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكچى. ماقالىدا شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈرىتىنىڭ 2016-يىلى 11 ئاي ئىچىدە پەقەت 7.1 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 27 پىرسەنت كېمىيىپ كەتكەنلىكى، ئەمدى خىزمەت كۆرسىتىش ساھەسىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 21 پىرسەنتكىچە ئۆسكەنلىكى، شۇنىڭ ئىچىدە يۈك توشۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قىسىمنى ئىگىلەپ، 84 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنداقلا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئارا ھەمكارلىق پروگراممىسى بويىچە «دوستلۇق-ئالاشانكوئۇ» ۋە «ئالتىنكۆل-قورغاس» تۆمۈر يوللىرىدا قاتناش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋە چۆچەك رايونلىرى بىلەن شەرقىي قازاقىستان ۋىلايىتىنى باغلاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنى سېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئۆگىنىش پىلانلانماقتا.

خىتاي شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىگىمۇ مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. «قازاق تۋ» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «خىتاي قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سالماقتا»ناملىق ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، بۇ يىلى قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى خىتايدىن چوڭ مەبلەغ كۈتمەكتە. مەسىلەن، جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە پارنىكلارنى سېلىش پىلانلىنىپ، بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىر يىلنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 62 مىليون دوللار ئەتراپىدا ھوسۇل ئېلىشنى ھېسابلاپ چىققان. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتىغا بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ ئېكولوگىيىلىك تازىلىقىدا بولماقتا. شۇڭلاشقا خىتاي چوڭ ھەجىمدە كۆكتات ۋە گۆش سېتىپ ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.

خىتاي مەبلەغلىرى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا قانچىلىك تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ بۇ مەملىكەتنىڭ خىتاي ئالدىدىكى قەرزىنىڭ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كېلەمدۇ؟

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ھەممە نەرسىنىڭ قازاقىستانلىقلار ھەم قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولۇپ، خىتاي تەرەپتىن بۇ جەھەتتە قازاقىستان قانۇنلىرىغا قەتئىي رىئايە قىلىش ھەم ئۇلارنى ساقلاش تەلەپ قىلىنغان تەقدىردە مەملىكەت ئىقتىسادىدا ئىلگىرىلەش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر خىتاي كومپانىيەلىرىنىڭ قازاقىستان دۆلەت مالىيەسىگە يېتەرسىز ئاقچا ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار ھاجەت بولغان سېلىقنى تولۇق تۆلىشى، قازاقىستاننىڭ سېلىق (باج) قانۇنىنى، مەملىكەتنىڭ بارلىق قانۇنلىرىنى ساقلىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرى سۈپىتىدە ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ئىشچىلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان توقۇنۇشلار بولسا، قانۇنغا مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. بارلىق قانۇنلار ساقلانغان تەقدىردە خىتاي مەبلەغلىرى قازاقىستانغا كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، سەۋەبى بىزدە ھازىر پۇل ئاز، بازار بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتىدۇ، ئىش ئورۇنلىرى قىسقىراۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش يېتەرلىك ئەمەس».

غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاي تەرىپىدىن قازاقىستانغا سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئۆز يولىدا ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنىڭ مەملىكەت ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى، ئەكسى ھالدا قازاقىستاننىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەملىكەت ئابرويىغىمۇ دەخلى يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېجكىن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلۈۋاتقان لايىھىلەرنىڭ، قازاقىستانغا كېلىدىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانداق كارخانىلار ئىكەنلىكىنىڭ، ئۇلارغا قانداق ئاساستا خىراجەتنىڭ بۆلۈنىدىغانلىقى ھەم ئۇلاردا كىملەرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر گەپ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ھەققىدە بولسا، دېمەك خىتاي تېخنولوگىيەسىمۇ كېلىدۇ دېگەن سۆز. ھە، بىز ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرەلەمدۇق؟. بۇ ئۆز ئالدىغا بىر سوئال. ئامما خىتاي كارخانىلىرى ھەم خىتاي تېخنولوگىيىسى بىلەن بىللە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كېلىشىنى بىز خالىمىغان بولار ئىدۇق. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. ئەلۋەتتە، كەلگەن پۇلنى قايتۇرۇش لازىم. بۇ بولسا خەتەرلىك ئىش».

ك. سىرويېجكىن ئۆز سۆزىدە بارلىق كرېدىتلارنىڭ، ھەتتا خىتاي كومپانىيەلىرىنىڭ ئايرىم قازاقىستانلىق شەخسىي كومپانىيەلەرگە بېرىلىدىغان كرېدىتلىرىنىڭ قازاقىستان دۆلىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، بۇ شەخسىيلەر پۇلنى ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىز ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قازاقىستان دۆلىتىنىڭ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.