خىتاي قەشقەرنى «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى» دىكى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرالامدۇ؟

0:00 / 0:00

2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن بۇيان، قەشقەرنى «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» دىكى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى، شاڭخەينى قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتتى.

شاڭخەي ھۆكۈمىتى قەشقەرگە تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشتا يېڭى بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرگە موھتاج بولماقتا. يېقىندا قەشقەر-شاڭخەي ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيە مەسلىھەت كېڭىشى، شاڭخەي ئىش بېجىرىش مەركىزى ھەر قايسى تەتقىقات ئاكادېمىيىلىرى، ئىنستىتۇت ۋە جەمئىيەت، كارخانا ھەمدە شەخسلەرنى قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىغا ئورتاق قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە ئىستراتېگىيىلىك پىلان توغرىسىدىكى تەتقىقات تېمىلىرىغا تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ چاقىرىقى ۋە قەشقەرنىڭ رېئاللىقى تېمىسىدا بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

«يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش» خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش كۆرسەتكۈچى، باش قوللانمىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلار، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش.

قەشقەرنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا «مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىشتىكى يېڭى پۇرسەت» دەپ تەشۋىق قىلىپ كونكرېتنى جەلپ قىلىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2014-يىلىدا قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يەنە رايون ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان يېڭى يولى، يېڭى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر ئۈستىدە جاۋاب ئىزدىمەكتە. شۇنداقلا بۇنىڭدا پۈتكۈل جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەينىڭ مەبلەغنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن ھەر قايسى خىتاي مەمۇرىي تورلىرىدا 17-فېۋرال قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتىگىيىسىدىكى يول تاللاش تەتقىقاتى، قەشقەرنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە تەسىرىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىپ سىياسەتلەر تەتقىقاتى قاتارلىق تېمىلاردىكى تەتقىقاتلارغا قاتنىشىشقا چاقىرىق ئېلان قىلغان بولۇپ، 17-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە بۇ تەتقىقات تېمىلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تىزىملىنىدىغان بولۇپ ھەر بىر تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدىكەن.

قەشقەر مەمۇرىي تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، 2010-يىلى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، رايون ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايوننى سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، جەلپ قىلىنغان كارخانىلارنىڭ تەستىقلىتىدىغان رەسمىيەتلىرىنى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. تەرەققىيات رايونىدىكىلەر ئۆز ئورنىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا سىرتقا چىقىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بىلەن كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، 100دىن ئارتۇق نۇقتىلىق كارخانا بىلەن ئۇچراشقان. بېيجىڭ، ۋېنجۇ، شېنجېن، خۇنەن، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردە 14 قېتىم ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 200دىن ئارتۇق كارخانىچىلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. بېيجىڭ شىنخۇڭ گۇرۇھى، «فۇشىن» مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق 18 تۈر ۋە يەتتە پاي ھوقۇقى تۈرىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ماكانلاشتۇرغان.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇي خاۋ مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى بىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە ئوتتۇرا شەرقىي تەرەپلەرگە مۇنبەر قۇراتتۇق، ھازىر پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا كۆپرەك يۈزلىنىدىغان بولدۇق. بىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ كىرگۈزگەن مەبلىغىمىز 32 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ بىر تارىخىي زور بۆسۈش.»

ھالبۇكى، خىتاي قەشقەرنى «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى» دىكى مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرالامدۇ؟

قەشقەردە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىياسەتلىرى قەشقەرنىڭ ئەمەلىي شارائىتى ۋە ئېھتىياجغا ئۇيغۇنمۇ؟

بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، چەتئەلدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى خىتايدىن پەرقلىق. خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتايشۇناسلار ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ قەشقەر چۈشى بىلەن رېئاللىقنىڭ ئۆتكۈر زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە، بىز مەزكۇر مەسىلىلەرگە قارىتا، بۈگۈن ناۋرۇ ئاسىيا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.