قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تۆمۈر يولى كىلىشىمىگە قارشى تۇرماقتا

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن باشلىنىپ قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرى ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۆمۈر يولىنى پۈتتۈرۈپ بېرىش بەدىلىگە خىتاي تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ بارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2013.01.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


«رۇسىيە ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئاتامبايىف ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ كېلىشىمگە قوشۇلۇشىنى جىنايەت دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا ۋە غەربىي ئاسىياغا چىقىدىغان ئەڭ يېقىن يولغا ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ كۈمۈش، ئاليومىن، مىس، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى خالغانچە ئېچىش ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ.

خىتاي ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ بولمايدىغان يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان بۇ تۆمۈر يول ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي مەركىزى قەشقەر شەھىرى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئەنجان شەھىرى بولسا تارىختا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن.

بۇ تۆمۈر يولنى قۇرۇش پىلانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىلا مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، مەبلەغ سېلىش شەكلى ھەمدە بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ئىدى. بۇ قېتىم تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قىرغىزىستان تەرەپ تۆمۇر يول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ سۈپىتىدە ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى بارلىق كان بايلىقلىرىنى ئىنىقلاش ۋە ئىشلىتىش ھوقوقىنى خىتاي تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان.

رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئالكىسې ۋىلاسوفنىڭ قارىشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۆزبېكىستاندا بىرەر ھەربىي بازىغا ئېرىشىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكىنى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ قارايدىغان رۇسىيىنى ئانچە خۇشال قىلماسلىقى مۇمكىن. گىئوپولىتىكىلىق نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كېڭەيمىچىلكىگە چەك قويۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئالكىسىي ۋىلاسوف مۇنداق دەيدۇ:

- خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىياسى جەھەتتە خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، قىرغىزىستانلىقلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت رۇسىيىلا قىرغىزىستاننىڭ ھەقىقىي ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيىلىك شىرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ 23 - يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى «ئاتا يۇرت» ھەمدە «رىسبۇبلىكا» قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ قارشىلىقى بىلەن 2012 - يىلى ئۆكتەبىردە تۈزۈلگەن بۇ كىلىشىم تەستىقلانمىغان.

تەھلىلچىلەر، مەملىكەت ئىچىدە قارشىلىق سادالىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كىلىشىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.