ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىسىدا قوغۇن يېتىشتۈرۈپ بازارغا سالدى.
بۇ قوغۇنلارنى ئابباس كېرىمئوغلۇ ۋە ئابدۇللا قاتارلىق ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتى قىرىقئاغاچلار ناھىيىسىدىن ئىجارىگە ئالغان يەرگە، تۇرپاندىن ئېلىپ كەلگەن قوغۇن ئۇرۇقىنى تېرىش ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن ئىكەن.
ئابباس كەرىمئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، قوغۇننىڭ ماركىسى «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» دەپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى ۋە تەتقىقاتچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تونۇلغان بىر ماركا تىكلىيەلمىگەنلىكىنى، «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىسى بىلەن ئۇيغۇر قوغۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن كېلەچەكتە بۇنىڭ ئۇيغۇر ماركىسى بولۇپ تونۇلىدىغانلىقىنى چۈنكى بۇ قوغۇننىڭ تۈركىيەدە رەقىبى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ، سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە كۆپ ئەۋزەللىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.