خىتاي شىركەتلىرى «قوغۇن بايرىمى» ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەت خوجايىنلىرى دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يېقىندا قۇمۇل شەھىرىنىڭ راھەتباغ يېزا قاراتال كەنتىدە «قوغۇن بايرىمى» ئۆتكۈزگەن ھەمدە قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سودىسىنى مونوپول قىلىۋالغان.

مەلۇمكى، قاراتال كەنتى قۇمۇل بوستانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەدىمىي يۇرت بولۇپ، راھەتباغ يېزىسى تەۋەسىدىكى داڭلىق قوغۇن ماكانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇر بولۇپ، قەدىمدىن بۇيان قۇمۇل قوغۇنىنىڭ ئەڭ قەدىمىي يەرلىك سورتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە قاراتال دېھقانلىرىنىڭ قوغۇنچىلىق ئىگىلىكى بازار رىقابىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قۇمۇل قوغۇنىغا بولغان ئېھتىياج ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى نەتىجىسىدە قوغۇنلارنىڭ قەدىمىي يەرلىك سورتلىرى ئۆزگىرىشكە باشلىغان. بازارغا ماس كېلىدىغان چاڭلاشتۇرۇلغان يېڭى سورتلار بۇرۇنقى يەرلىك سورتلارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، قوغۇنلارنىڭ ئەسلىدىكى تەم ۋە سۈپەت كۆرۈنۈشلىرىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەزەلدىن قوغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆزلىرى ئۆستۈرگەن قوغۇنلىرىنى خالىغانچە سېتىش ۋە يۆتكەش ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئىچكى تور ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرى قوغۇنلىرىنى شىركەت خوجايىنلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن تۆۋەن باھادا توپ سېتىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان قوغۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى باھادا ساتقان ۋە غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن.

قاراتال كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قاراتال كەنتىدە «قوغۇن بايرىمى» ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىللىق قوغۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سېتىۋېلىشقا توختاملىشىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «قوغۇن بايرىمى» قانداقتۇر يەرلىك خەلق ياكى يەرلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىن چىققان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوغۇن سودىسىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلارمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەن. ھەر يىلى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرى قوغۇن پىشىشتىن ئىلگىرىلا بۇ يەرگە كېلىپ قوغۇنلارنى توپ سېتىۋېلىش توختامى تۈزىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېتىزدا تۇرۇپلا ھەممە قوغۇنىنى خىتاي شىركەتلىرىگە توپ سېتىپ بېرىدىكەن. شىركەتلەر بۇ يەردىن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغان قوغۇنلارنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە توشۇپ، قىممەت باھادا سېتىپ پايدا ئالىدىكەن.

مەزكۇر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاراتال كەنتىنىڭ ئەتراپىدا خىتايلار قۇرغان زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشى، بوغاز يېزىسىدا غايەت زور تۆمۈر كېنىنىڭ ئېچىلىشى ھەمدە سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشقان. قاراتال كەنتىگە بۇرۇندىن راھەتباغ سۇ ئامبىرىدىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ قۇرىغان. يەر ئاستى سۈيىنىڭ قاتلىمى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، قۇدۇق قازسا 80-100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن سۇ چىقىدىغان ھالەتكە يەتكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.