ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى مارت ئېيىدىكى سانىغا ئامېرىكىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى روبېرت د. كاپلاننىڭ «ياۋرو ئاسىيانىڭ ھۆكۈمەتسىزلىشىشى»، «خىتاينىڭ خەتىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى» دېگەن سەرلەۋھىدە خىتاي - رۇسىيە مەسىلىلىرى بويىچە سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە ئاپتور 2014 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىشى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادى ئاجىزلىشىپ، خىتايدىكى مىللىي دارامەت تۆۋەنلەپ، پايچېكى بازىرىنىڭ كرىزىسقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور:«خەلقئارادىكى سىياسىي داۋالغۇش ۋە بۇ ئىككى دۆلەتتىكى سىياسىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ يەنە قايتىدىن روناق تېپىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» دەيدۇ.
ماقالىدە، ھەر قايسى ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇش، دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ئىلگىرىدىن تارتىپ ئېكسپورت سودىسىغا تايىنىپ گۈللىنىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەمدىلىكتە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ «بېيجىڭ بىر قىرغاقتا» دېگەن قىسمىدا بولسا 1990 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا باشلىغان خىتاينىڭ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتتە بولۇش بىلەن بىرگە، ھەتتا ياپونىيەگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:«خىتاي - رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى تۆۋەنلىسە، تەبىئىي ھالدا بىر - بىرىدىن يىراقلىشىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

روبېرت ماقالىسىدە، خىتايدىكى مىللەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «خىتايدا خىتاي مىللىتىدىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچراپ مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلار موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭغا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىزچىل تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرى بار. ئەگەر، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاپ كەتسە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىپ، خىتاينىڭ ‹يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى› بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ ھۈلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بىرلىشىپ ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.
ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن كېنشى تارو خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرسە خىتايدا يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلىسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىدۇ. بىراق، خىتاي مىللەتچىلىرى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى يەنىلا قوراللىق قاتتىق باستۇرۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش كۈچىنىڭ بارغانچە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىگە قارشى مەملىكەت ئىچىدىكى توپىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ياپونىيەدىكى «جۇڭگوغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مانجۇ يازغۇچى مېيكا مۇشا خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلىگەچكە بۇ يىل خىتاي ھەربىي خىراجەتنى ئانچە ئۆستۈرەلمىدى. ئىلگىرى ئالتە يىل ئۇدا ئۆستۈرگەن ئىدى. خىتاي ھاكىمىيەتنى پۇل بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئىقتىساد تۆۋەنلىسە ئەسكەر، ساقچىلارغا بېرىلىدىغان مائاش ئازلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كومپارتىيىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى يوقىلىدۇ. جەمئىيەت قالايمىقانلىشىدۇ. كومپارتىيىگە قارشى كۈچلەر كۆپىيىدۇ» دېدى.
خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ياماشىتا يۈمېمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شى جىنپىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىگە ھەربىي ئىچىدە كۆپلەپ دۈشمەن توپلىدى. خىتايدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرسە، ئالدى بىلەن ھەربىي قىسىملار سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. ئىچكى توقۇنۇش يۈز بېرىپ خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئاجىزلىشىشى ئۇيغۇر، تبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا كۆپ پايدىلىق» دېدى.
ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئۆز ئىقتىسادىغا تايىنىپ قازاقىستان قاتارلىق بەش جۇمھۇرىيەتنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالغان بىلەن ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە يېقىن كەلگۈسىدە ‹ئەرەب باھارى› كەبى سىياسىي توپىلاڭ كۆتۈرۈلسە، ئۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چەمبىرىكىدىن شەك - شۈبھىسىز چېقىپ كېتىدۇ» دەيدۇ.
ئەگەر، خىتاي كومپارتىيەسى گۇمران بولسا بۇنىڭ قوشنا ئەللەرگە بولغان تەسىرى ھەققىدە توختالغان ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى، دوكتور سېئىجى نىشىخارا مۇنداق دېدى:«خىتايدا ئىقتىساد تۆۋەنلىسە، مۇتلەقكى، ئىچكى توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئاۋۋال شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىشقا باشلايدۇ. يەر شارى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە دۇچار بولىدۇ.»
ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن كېنشى تارو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ئىقتىسادى ئاجىزلاشسا، خىتاينىڭ جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە بولغان تەھدىتى توختايدۇ» دېدى.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە موسكۋا دۇچ كېلىۋاتقان جەنۇبىي كاۋكازىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پۇتىننىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ ۋاقتىنچە رۇسىيە ۋەزىيىتى تىنچلانغان بولسىمۇ، ئەگەر رۇسىيە ئىقتىسادىي ھازىرقى يۆنىلىش بويىچە ئاجىزلاپ ماڭسا، بۇ رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ، بۇلار خەلقئارادىكى ئىسلامىي كۈچلەر جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيەنىڭ پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.