فىرانسىيە Le Monde گېزىتىنىڭ 6-يانۋار ئىقتىساد خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلى ئىچىدە يەنە مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر كانلارنى تاقايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
خىتاينىڭ بۇ قارارغا كېلىشىگە، ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى سەۋەب بولغان. چۈنكى خىتاينىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى، دۇنيا ھاۋا بۇلغىنىش قىزىل سىزىقىدىن يەتتە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆمۈر سانائەتچىلىكىدىكى چوڭ كارخانا ۋە چوڭ گۇرۇھلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى يېتەكچى كۈچكە ئايلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي كۆمۈركان نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ 2015-يىللىق كۆمۈر-كان كارخانىلىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش خىزمىتى دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار چىقارغان كىچىك كۆمۈر كانلارنى شاللىۋېتىش نىشانىغا ئاساسەن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خىتاي بويىچە 2000 دىن ئارتۇق جايدىكى كىچىك كۆمۈر كانلارنى تاقىغان. خىتاي بۇ يىللىق پىلاندا يەنە مىڭدىن ئارتۇق كانلارنى تاقىماقچى ئىكەن. خېيلوڭجاڭ، يۈننەن، گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق كىچىك كۆمۈر كانلار كۆپ ئۆلكىلەر تاقىۋېتىش كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمىي كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 مىليون توننا تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
فىرانسىيە Le Monde گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي ئىچىدىكى 90 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر ۋە گاز مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان كانلارنىڭ ھەممىسى تاقالغانلىقى مەلۇم. گەرچە بېيجىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا كانلارنى تاقاشقا ئوخشاش تەدبىرلەر ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچىنىڭ 20% تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، كانلارنىڭ تاقىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە 100 مىڭ كان ئىشچىلىرى ئىشسىز قېلىشىدەك كرىزىسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە ئىكەن.
جۇڭگو رادىئو تورى 10-نويابىر خەۋىرىدە خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گوباۋنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ ئۇ «مەملىكىتىمىز بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە، كۆمۈر-كان كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش، قايتىدىن تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى مۇقىم تەرتىپكە سېلىپ، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسى قۇرىدۇ» دېگەن.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 90مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان 22 كان تاقاشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن ئۈرۈمچىدىكى كانلارنىڭ تاقىلىشى مۇھىتنى ياخشىلاشنىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆمۈر كانلارنى ئېچىشنى كۆلەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۈرۈمچى كۆمۈركان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېن جۈن بۇ ھەقتە مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە «ئۈرۈمچىدىكى كىچىك كانلارنىڭ تاقىلىشى دۆلەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن 90مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان كانلارنى تاقاپ، زامانىۋىېلاشقان 600 مىڭ توننىلىق كانلارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن» دېگەن.
ئۈرۈمچى شەھەر ئەمەلدارلىرىدىن گاۋ فېڭ بولسا «كۆمۈر كانلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى مەنزىرە رايونىدا، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كىچىك كان قۇدۇقلىرى، كىچىك كارخانىلارنى مۆھلەت ئىچىدە قەتئىي تاقىشىمىز كېرەك. كانلارنى تاقىغان بىلەن ئىشچىلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كان رايونلىرى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قالايمىقان كان ئېچىش سەۋەبلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشقا ئۇچراپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكى ۋە نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە رادىئومىزغا كۆپ قېتىم شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
يېقىندا رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇلتۇر 2-نويابىر كۈنى قۇمۇلدىكى سەنداۋلىڭ كۆمۈر كېنى يەنى يەرلىكلەر تارانچى كۆمۈر كېنى دەپ ئاتايدىغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىدىن 7-8 مىڭ نەپەر ئىشچى، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ئۇلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 90-يىللاردىن كېيىن كان ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلمىگەن. بۇ كاندا ئىلگىرى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 90-يىللاردىن كېيىن ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشقا ئېلىنىپ، نۆۋەتتە بۇ كۆمۈركان قۇمۇلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى توپلاشقان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.
ئىلگىرى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تارقاتقان «چوڭ كارخانا ۋە چوڭ گۇرۇھلار ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئىلمىي ۋە بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىدىكى يېتەكچى كۈچكە ئايلاندى» دېگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەت ئىگىلىكىدە كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئېشىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېنېرگىيە بايلىقى مول رايون بولۇپ، ھازىرغىچە ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 100 مىليارد 800 مىليون توننىغا يېتىدۇ ھەمدە مەملىكەت ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ %10ini ئىگىلەيدۇ. مۆلچەردىكى زاپاس مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننىغا يېتىپ، خىتايدىكى ئومۇمىي مۆلچەر زاپىسىنىڭ 40% ئىنى ئىگىلىشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان شەندۇڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى گۇرۇھى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى داۋاملاشما تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بازىسى قىلىپ ئېچىشقا باشلىغان. شەندۇڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى يېڭى كان گۇرۇھى ئىلى شۆبە شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ كەيشۈن «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىغا ئىلگىرى «2012-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئومۇمىي سالغان مەبلىغىمىز 10 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 2015-يىلغا بارغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز 23 مىليون توننىغا يېتىدۇ..» دېگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشچىلىقىدىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» «جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسى» 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې شىنۋېي «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر زاپىسى مول، بۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا بەرگەن سىياسەت قوللىشىنى قوشقاندا، مەملىكىتىمىزدىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان چوڭ كارخانا ۋە چوڭ گۇرۇھلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلدى، كۆمۈرچىلىك كەسپىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانا ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى 50 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە، ئايرىم ھالدا 30 كارخانا ۋە 20 كارخانا ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلاشتى» دېگەن.
بىز خىتايدا مەملىكەت بويىچە كانلارنى تاقاشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارىتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان ئىشلىرى ئىدارىسى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئۇلار سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
خىتاي كانچىلىق تورىنىڭ 2015-يىلى 18-نويابىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ كان ئىشلىرى 13-بەش يىللىق پىلانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەش چوڭ ئاساسلىق كۆمۈر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي يەنە 2016-يىللىق خەلقئارا كۆمۈر سانائىتى يەرمەنكىسىنى 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭغا خىتاي دۆلەت ئىچى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شىركەتلەر ۋە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆمۈر قېزىش، يۆتكەشكە ئائىت ئىلغار تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىكەن.