خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ۋە تۇرۇبا ئارقىلىق شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى.
بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋە ئېلى ۋادىسىدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەر شارى ئۆزگىرىشى تەتقىقات مەركىزى» مەزكۇر قۇرۇلۇش توغرۇلۇق مەخسۇس تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمى ۋە مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەلبىي تەسىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ سۈنئىي تەبىئىي گاز ئىنقىلابى» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كۆمۈرنى گاز قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشنى باشلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان زەھەرلىك كاربون گازى، سۇ يېتىشمەسلىك، سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىغا سەل قارالغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىك يوق بىر تەرەققىيات يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقىتلىق پايدىنى كۆزلەپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بولمىسا بۇ قۇرۇلۇشنى كېچىكتۈرۈشىنى، بىراق پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، گەنسۇ، يۈننەن، لياۋنىڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئېلىپ بېرىلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق بازىسى. خىتاينىڭ پىلانىدا شەرقىي جۇڭغار ۋە ئىلىدىكى كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش بازىسىنىڭ يىللىق گاز ئىشلەپچىقىرىشى ھەجمى 184 مىليارد كۈپ مېتىر. لېكىن ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق يۇقىرىقى 7 ئۆلكە-ئاپتونوم رايوننىڭ پىلاندىكى كۆمۈر گاز ئىشلەپچىقىرىش ھەجمى بولسا 85 مىليارد 300 مىليون كۈپ مېتىر.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2013-يىلى 9 كۆمۈر گاز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان. بۇ 9 زاۋۇتنىڭ 4 ئى ئىچكى موڭغۇلغا، 3 ئى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋادىسىغا قۇرۇلىدۇ. ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلدا قۇرۇلىدىغان 7 زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 90 % كە يەتكەندە، ئۇنىڭ يىللىق سۇ سەرپىياتى 200 توننىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ئوخشاش سۇ كەمچىل رايونلاردا سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتى «يەر شارى ئۆزگىرىشى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ چىرېن ئەپەندى، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتتى.
ياڭ چىرېن مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا 1980-يىللارغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، تەبىئىي گاز بايلىقى قىس بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرماقچى بولغان. چۈنكى ئامېرىكىدا تەبىئىي گاز قىس، كۆمۈر بايلىقى كۆپ ئىدى. جۇڭگولۇقلار ھازىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويلاۋاتىدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ كۆمۈر بازىرى رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك بازار. جۇڭگو گاز باھاسىنى كونترول قىلىدىغان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدىكى دۆلەت. شۇڭا تەبىئىي گازغا يېتەرلىك مەبلەغ سېلىنمايدۇ. ئۇنىڭدا تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەبىئىي گاز يوق ئەمەس، ئۇنى قىدىرىشقا مەبلەغ سېلىش ئاز. ئامېرىكىنىڭ 80-يىللاردىكى ئەھۋالى مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى. ئۇ گاز باھاسىنى كونترول قىلاتتى. گاز بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى بوشلۇقنى كۆمۈر گازى ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولغان. ئەمەلىيەتتە، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمسىز، ئېغىر بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇسۇل. ئامېرىكا 1980-يىللاردا بۇنىڭغا مەبلەغ سالغان. ئۇزۇنغا بارماي زاۋۇت ۋەيران بولۇپ، زاۋۇتنى ئالىدىغان ئادەم يوق فېدېرال ھۆكۈمەت سېتىۋالغان. فېدېرال ھۆكۈمەت بۇ قۇرۇلۇشنى ئېغىر زىيىنىغا ئاران ساتقان. بۇ ئىنتايىن رەھىمسىز بىر ساۋاق. بىراق جۇڭگو بۇ ساۋاقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆمۈر گاز قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، كۆمۈر گازىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى كۆمۈرنىڭ ئۆزىنى يېقىلغۇ قىلىش ياكى تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە قارىغاندا ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كۆمۈر گازىنى يېقىلغۇ قىلىپ توك ئىشلەپچىقارغاندا ئۇنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كاربون گازى، كۆمۈرنىڭ ئۆزىنى يېقىلغۇ قىلغاندىن 36.-82 پىرسەنت كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئاپتوموبىلغا يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلەتسە، ئۇنىڭ بېنزىندىن ئىككى ھەسسە كۆپ زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا قۇرۇشنى تەستىقلىغان 9 زاۋۇتنىڭ 40 يىلدا ھاۋاغا 21 مىليون توننا زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىدىغانلىقى، ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنسا، 3 مىليون توننا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ياڭ چىرېن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇشى زور خاتالىق، دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ، ئەمەلىيەتتە، كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىنى بۇ رايونلارغا قۇرۇش-قۇرماسلىقنىڭ ئۆزى دېلىغۇل بىر مەسىلە. چۈنكى بۇ جايلار جۇڭگونىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەڭ مول رايونلار. بىراق رايونلاردا سۇ كەمچىل، تەبىئىي مۇھىت ئىنتايىن ئاجىز. بۇ سىياسىي جەھەتتىكى ئىنتايىن دېلىغۇل مەسىلە. چۈنكى جۇڭگو ئۈچۈن بۇنچىلا مول كۆمۈر بايلىقىنى ئاچماسلىق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. بىراق بۇنى ئاچسا ئۇنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقى ناھايىتى زور. شۇڭا ئۇنى ئاچقاندا مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى چەكلىك بولىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش زۆرۈر. لېكىن كۆمۈر گازى سەرپىياتى يۇقىرى، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ئېغىر نەرسە. كۆمۈرنىڭ ئۆزىنى يېقىلغۇ قىلىپ توك ئىشلەپچىقارغانغا قارىغاندا، كۆمۈر گازىنى يېقىلغۇ قىلىشنىڭ مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىقى زور. ئامېرىكىدا كىشىلەر كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش مۇھىتنى بۇلغايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن جۇڭگو كۆمۈردىنمۇ بەتتەر مۇھىتنى بۇلغايدىغان نەرسىنى يېقىلغۇ قىلماقچى. جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىدە 2013-يىلى زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ئىنتايىن زور خاتالىق. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ زور بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئاۋۋال توختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللارغا كۆمۈر گازى ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل ئۇنىڭ سىياسىتى ئۆزگىرىپ، خىتاي ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشىنى ئېچىۋەتكەن. ياڭ چىرېن ئەپەندى سىياسەتتىكى بۇ خىل رادىكال ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگودا 2011-يىلدىن باشلاپ كۆمۈر باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى، بۇ ئەھۋال كۆمۈر كان رايونلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلىرىدا مالىيە قىيىنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «كۆمۈر گاز سانائىتى كۆمۈر سەرپىياتى ئىنتايىن زور ئىگىلىك. ئەگەر زور كۆلەملىك كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلسا، بۇ كۆمۈر سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىكنى ۋە كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنى ۋاقىتلىق كۈچەيتىدۇ. بىراق ئۇزۇننى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ خىل زور كۆلەملىك كۆمۈر سەرپىياتى جۇڭگوغا پايدىسىز»، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ئىلى، شەرقىي جۇڭغارىيە قاتارلىق جايلاردىكى مەزكۇر كۆمۈر گازى قۇرۇلۇشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، كۆچمەنلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاتىرجەملىكىگە ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.