«كۇچادا كۆمۈر جىق، ئەمما بىز ئالالمىدۇق!»
2015.11.19

ئۆتكەن ھەپتە تەڭرىتاغ تورى كۇچا ناھىيىسى ئاقئۆستەڭ يېزىسى تۇرتام كەنتىدىكى تۆۋەن كىرىملىك 50 نامرات ئائىلىگە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 50 توننا «مېھرى-شەپقەت كۆمۈرى» تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە قىش يېقىنلاپ ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بۇ نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان «نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز كۆمۈر تارقىتىش» پائالىيەتلىرىنىڭ بىرنەچچە يېزىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بىز بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ كۆرۈش ئۈچۈن ئاقئۆستەڭ يېزىسى تۇرتام 3-كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى نىياز مەمەتكە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى ئاڭلاپلا سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىز كۇچا ناھىيىسىدىكى دېھقانلاردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن بىرنەچچە ئۇيغۇر ئائىلىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇلاردىن كۇچا شەھەر ئىچىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال زىيارەت جەريانىدا كۆمۈر باھاسىنىڭ بۇ يىلمۇ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يېتەرلىك كۆمۈر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:«مېنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلۇممۇ يوق، پاختا تېرىپ تاپقان پۇلۇمغا ئۈچ توننا كۆمۈر ئېلىۋالدىم. ئەمما بۇ كۆمۈر كېلەر يىلغىچە يەتمەيدۇ. ئەمما كۇچادا كۆمۈر جىق بولغان بىلەن مەنچىلىك كۆمۈر ئالالمايۋاتقان دېھقانلار بەك كۆپ.»
ئاندىن بىز كۇچا شەھەر ئىچىدە كۈندىلىك مىلىچمال دۇكىنى ئاچىدىغان بىر كىشى بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇمۇ بۇ يىلقى كۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكىن ئۆسكەنلىكىنى، دېھقانلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن كۆمۈر ئېلىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلغان بىلەن، تاپقىنى ئېتىزغا خەجلىگىنىگە سەرپ بولۇپ تۈگەيدىغان گەپكەن. شۇڭا كۆمۈر ئالالمىغان دېھقانلار كۆمۈرنى ناھايىتى تېجەپ قالاشقا مەجبۇر. ئۆيىنى بىزدەك ئىسسىتىپ ئولتۇرالمايدۇ»
ھالبۇكى، خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدىن بولغان تەڭرىتاغ تورى بۇ يىل 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە كۇچا ناھىيىسىنىڭ 2014-يىلى 14 مىليون توننىدىن كۆپرەك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش رېكوردى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇمى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خەۋەردە يەنە كۇچا ناھىيىلىك كۆمۈرچىلىك سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتقا ئاساسەن كۇچا ناھىيىسىنىڭ 2014-يىللىق كۆمۈر سېتىش ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 1 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. بىز بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى كۇچا ناھىيىلىك كۆمۈركان ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم بىزنىڭ كۇچا ناھىيىسىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.
مۇخبىر: بۇ كۇچا ناھىيىلىك كۆمۈركان ئىدارىسىمۇ؟
خىتاي: شۇنداق.
مۇخبىر: بىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن. كۇچا ناھىيىسىنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقايلى دېگەنتۇق.
خىتاي كادىر: قەيەردىن؟
مۇخبىر: ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن
خىتاي كادىر: قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى؟
مۇدىر: ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى. ئاڭلىساق كۇچانىڭ كۆمۈرچىلىك سانائىتىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاڭلىساق يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار كۆمۈر ئالالمايۋېتىپتۇ. مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرەمسىز؟
خىتاي كادىر: كەچۈرۈڭ. بۇ ئىشلارنى سىز ئىدارىمىزنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلاردىن سوراڭ.
ئاندىن بىز كۇچا ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق ۋە ناھىيىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قىشلىق كۆمۈر سېتىۋېلىش قىيىنچىلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇق. ئىدارىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولغان خىتاي كادىرمۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى ئاڭلاپلا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى ئىدارىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدىن سورىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى.
مۇخبىر: ياخشىمۇسىز. بۇ كۇچا ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ؟
خىتاي كادىر: شۇنداق.
مۇخبىر: سىز ئىدارە مەسئۇللىرىنىڭ بىرى. شۇنداقمۇ؟
خىتاي كادىر : شۇنداق.
مۇخبىر: بىز رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى.
خىتاي كادىر: نېمە؟ قايسى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ؟
مۇخبىر: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ. بىز كۇچادىكى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆمۈر ئېلىشتا قىينىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ باقايلى دېگەن. سىز مۇشۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بىر تونۇشتۇرۇپ باقامسىز؟
خىتاي كادىر: مەن بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرالمايمەن. خاپا بولماڭ.
مۇخبىر: ئەمىسە كىم شۇنداق قىلالايدۇ؟
خىتاي كادىر: نېمە؟
مۇخبىر: مەن دېمەكچى، سىز بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرەلمىسىڭىز بىز كىمدىن سورىساق بولىدۇ؟
خىتاي كادىر: بىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. شۇلار ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
مۇخبىر: ئادەتتە قايسى بۆلۈم مۇشۇ ئىشلارغا مەسئۇل؟
خىتاي كادىر: ئەلۋەتتە تەشۋىقات بۆلۈمى دە.
مۇخبىر: سىزدە ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرى بارمۇ؟
خىتاي كادىر: مەندە يوق.
مۇخبىر: ماقۇل. رەھمەت.
مۇشۇ قېتىمقى تۈرلۈك مەنبەلەر بويىچە ئەھۋال ئىگىلىشىمىز ئارقىلىق كۇچا ناھىيىسىدە زور مىقداردا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىپ غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلغان بولسىمۇ، بۇ نەتىجىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانچە مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى، يەنىلا نۇرغۇن ساندىكى نامرات ۋە تۆۋەن كىرىملىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنىڭ جىددىي ھەل قىلىش لازىم بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.