مۇلاھىزە: تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ
2013.09.11
10-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلار ئىككى مىليون 300 مىڭغا يېتىدىكەن. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش ئوبيېكتلىرى ئىچىدە شەھەر نوپۇسىدىكىلەر 862 مىڭ، يېزا نوپۇسىدىكىلەر 1 مىليون 300 مىڭ ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ نامراتلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان ئېغىر بىر مەسىلە دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلى ئېلان قىلغان 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ستاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 21 مىليون 810 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مانا بۇ نوپۇسنىڭ 2 مىليون 300 مىڭى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاپلاش دائىرىسى ئىچىدە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 10% كۆپرەك نوپۇسنىڭ يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى، پەقەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى 277 سومغا، يېزىلارنىڭكىنى 129 سومغا كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامرات دېھقان ئاممىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىشسىز، تۇراقلىق كىرىمى بولمىغان، يېرى بولمىغان، تۇل، يالغۇز نامرات كىشىلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ بۇنىڭ شەرتلىرى ئىچىگە يېقىنقى يىللاردا «ئۈچ خىل كۈچلەرگە چېتىلمىغان» ئائىلە ئەزالىرى، يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقان دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلار بولمىغان بولۇشى شەرت دېگەندىن باشقا يەنە، يېقىندا يۈزىنى ياپمىغان، ساقال، بۇرۇت قويمىغان بولۇشى كېرەك دېگەندەك شەرتلەر قېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بېرىلىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش سوممىسى بىلەن مال باھاسى ئىنتايىن تېز ئۆرلەۋاتقان تۇرمۇش چىقىمىنى قامداش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئىلگىرى دېھقانلار رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم شىكايەت قىلغان ئىدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىي مەھكىمە تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بارلار 240 مىڭ كىشىدىن ئاشىدىكەن. گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاپلاش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىسى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى باي قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ بىرى قىلىپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە زىيالىيلار بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇلاھىزىلىرىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
گېرمانىيە دۇنيادا ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ئەڭ ياخشى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ سابىق مۇخبىرى ئامانگۈل خانىم خىتاينىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سىياسەتلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈلۈك مۇنقەرز قىلىشتىن ئىبارەت يامان سىياسىي غەرەزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالدامچىلىق سىياسىتى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى بولسا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا قاراشلىق بولۇپ قالغانلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار دەپ قارايدىغانلىقىنى، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نامرات ۋە موھتاجلىقتا قالدۇرۇپ ئاندىن مېھرىبانلىق قىلغان قىياپەتتە ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.