تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاق دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتالىيا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر تاماقلىرى دۈنيا تاماقلىرىنىڭ ئارىسىدا لايىق بولغان ئورنىنى ئېلىشقا باشلىدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدىن كېيىن ئەڭ چوڭ ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتالىيا شەھىرىنىڭ زەردارىلىك مەھەللىسىدە ئۇيغۇر تۈرك مۇتفاقى يەنى ئۇيغۇر تۈرك ئاشخانىسى نامىدا ئاشخانا ئېچىلدى.
بۇ ئاشخانىنى قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان گۈلبوستان ئىسىملىق ئايال ئاچقان. ئاشخانىدا لەزىز ئۇيغۇر تاماقلىرى سۇنۇلماقتا. بىز ئاشخانىغا بېرىپ، ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خېرىدارلارغا قولىدىن كېلىشچە ئۇيغۇرلارنىڭ باي تاماق مەدەنىيەتىنى تونۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاشخانىنىڭ تېلېفون نۇمىرى: 0242 313 08 01
ئانتالىيا ھەر يىلى دۈنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپمۇ گېرمان، رۇس ۋە ئەنگىلىز قاتارلىق مىللەتلەردىن 30 مىليون ئەتراپىدا ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، پاكىز دېڭىزى ۋە ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلىرى بىلەن مەشھۇر.
0:00 / 0:00