تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۈزجە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قەدىمكى دەۋايىمىز قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈرك كارخانىچىلارنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلماسلىقىغا ئائىت تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«دۈزجە ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى» بىلەن «ياش قوللار جەمئىيىتى»نىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 13-كۈنى «قەدىمكى دەۋايىمىز قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئاق پارتىيىنىڭ دۈزجەدىكى پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم قورقماز ئەپەندى، دۈزجە سانائەت ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى فاھرى چاقىر ئەپەندى، دۈزجە ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى رامازان ئاقچا ئەپەندى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى دۈزجە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئونۇر ئۆزەن ئەپەندى، دېموكراتىيەلىك سول پارتىيەسى دۈزجە شۆبىسى مەسئۇلى بىرقان مەترول ئەپەندىلەر قاتناشتى. بۇلارنىڭ سىرتىدا كۆپ ساندا مۇخبىرلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.
تەكلىپكە بىنائەن دوكلات بېرىش ئۈچۈن دۈزجىگە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك دوكلات بېرىش يىغىنى باشلاشتىن بۇرۇن دۈزجە ۋالىيسى ئالىي ئېھسان سۇ ئەپەندى بىلەن ۋالىي مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
دۈزجە سانائەت ۋە تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە تۈرك كارخانىچىلىرىنى خىتاي بىلەن تىجارەت قىلماسلىققا چاقىردى.