تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار: قۇربان ھېيتتا كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم چۈنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.

رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 2013-2014-يىلىدا تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7-8 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلاردىن مىڭ ئەتراپىدا كىشى قەيسەرىدە دۆلەت بەرگەن ئۆيدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ بۇلارنىڭ كۆپى بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خەير ساخاۋەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە ئىدى. قەيسەرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر ئېلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن تۈرك خەلقىنىڭ ھەتتا تۈرك ساقچىلىرىنىڭمۇ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئوچۇق ئاشكارا ھالدا خىتاي سىلەرگە زۇلۇم قىلمايدىكەنغۇ دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئۇلارغا قىلىۋاتقان ياردىمىمۇ ئازىيىشقا باشلىغان. تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2 يېرىم مىليونغا يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتىمۇ قىيىنلاشماقتا. ئۇنداقتا قۇربان ھېيتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قانداق ئۆتكۈزمەكچى. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى ۋە قەيسەرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇر ئېلى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئېلى ئەپەندى پاسپورت بىلەن چىققان ھال-ئەھۋالى ياخشى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان سېتىۋالغانلىقىنى، 150 ئائىلە ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا 20 قۇربانلىق قوي كەلگەنلىكى ئېيتتى.

ئېلى ئەپەندى بۇ يىل رامازان ئېيىدا خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىپ تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى، تۈرك ساقچىلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوق ئىكەنغۇ دېگەنلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۆز دەردىنى مەتبۇئاتلارغا ئەركىن دېيەلەيدىغان مۇھىت يارىتىپ بەرمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە چەتئەللىك مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستانغا بارسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى، قۇربان بايرىمى يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ئىجارە پۇلىنى تۆلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئىشلەي دېسە تۈركىيەدە قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتى بولمىغاچقا ئىشلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، مۇساپىرلارنىڭ كۆپى ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.