تۈركىيەدە «ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسىغا ئىشەنمە، پاراسىغا ھەم ئىشەنمە» دېگەن گەپ بار. ئىستانبۇلدا يامغۇرلۇق نەم ھاۋانىڭ ئىسسىمىقى ھەقىقەتەن تەس. مۇخبىرىمىز 2018-يىلى 25-فېۋرال سەفاكۆيدە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئۈچ ئايدىن بېرى ئىسسىنىش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئۇچراتتى.
ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا مۇخبىرىمىز بۇ ئائىلىدىكى رابىيەنىڭ تۆت بالىسى بىلەن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقىنىغا شاھىت بولدى. ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەر ۋە چوڭ ئوغۇل 2017-يىلى 19-ئاۋغۇست نەزەربەنتكە ئېلىنغان. شۇندىن كېيىن بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئادۋوكاتقا ۋە تۈرلۈك يول مېڭىشلارغا سەرپ بولۇپ قۇرۇپ كەتكەن. غۇرۇرى كۈچلۈك رابىيە دەسلەپ ناتونۇش بىر ئەرگە دەردىنى تۆكۈشنى خالىمىدى. شۇ مەھەللىدىكى يەنە بىر خانىم ئارقىلىق بىلىشىمىزچە، قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن.
قىيىنچىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈلۈشى ۋە جامائەت پىكرى ئارقىلىق توپلانغان ياردەمدە ھەل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەندىن كېيىن بۇ خانىم ئاندىن ئەھۋالىنى بايان قىلدى.
بىز سەفاكۆيدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا «ئۇيغۇريار فوندى» تەمىنلىگەن يېتىم بالىلارنىڭ تىزىملىكى بويىچە ئۇلارنىڭ ھامىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئۇيغۇر موماي تەپسىلىي ئەھۋال سوراشلىرىمىزدىن بىزنى ياردەم بەرگۈچىلەر بولسا كېرەك دەپ ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كەتتى.
ئايخان موما ئىككى نەۋرىسى بىلەن ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر رايون - زەيتىنبۇرنۇغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بارى-يوق ئىككى ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك نەۋرىلىرىنى بېقىشتا قىينىلىپ قالغان. مومايغا «ئۇيغۇريار فوندى» ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ياردىمى يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېمەك-ئىچمىكىنىڭ مەنبەسىنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى تەمىنلىگەن ئىكەن. ياشىنىپ قالغان ئانا ئۆزىگە قىلىنغان ياردەمدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سەفاكۆيدە ئۇيغۇر جامائەتكە خىزمەت قىلىۋاتقان سابىر رەشىت داموللامنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت سەفاكۆيدىلا ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان 170 تىن ئارتۇق ئائىلە بولۇپ، بالىلار كىچىك بولغاچقا خانىملارنىڭ ئىشلەش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق ئىكەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇندا بولۇپ، قالغانلارنىڭ ئەرلىرى تۈركىيە، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە قاماقلىق ئىكەن.
سابىر داموللام، «سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى» نامىدا قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە ياردەم يەتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ياردەملەرنىڭ ئاساسلىقى يېمەك-ئىچمەك بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار قىشتىن بۇيان ئىسسىنىش پۇلىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەممە ئائىلىگە يېتىشىپ كەتمەيدىكەن. يېتىم بالىلار «نۇزۇگۇم فوندى» نىڭ ئايلىق ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن. سابىر داموللام ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىدىن ياردەم كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ، سەلىمپاشا ۋە بەيلىك دۈزۈ قاتارلىق رايونلىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە مال باھاسىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلىشى، ئىش ھەققىنىڭ ئاشماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈشى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان بەزى تىجارەتلەرنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلىيالماسلىق سەۋەبى بىلەن بۇرۇندىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان نورمال تىجارەتلەرنىڭ توختىشى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇرلارنى نامراتلىق گىردابىغا سۆرىمەكتە ئىكەن. يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردا ھەمدەم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇھتاجلارنىڭ كۆپلۈكى، قىيىنچىلىقنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك يېتىشىپ بولالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغان شىركەت ياكى كان-كارىخانىلىرى بولمىغاچقا مۇھتاجلارغا بېرىلىدىغان ياردەممۇ كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن.