خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاپ، DNA ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2016-يىلى ئامېرىكىدىكى «تېرمو فىشېر» ناملىق بىر شىركەتتىن DNA رەتلەش ئەسۋابلىرىنى سېتىۋالغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ 12 مىليون دوللارلىق ئەسۋاب سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئەزاسى ماركو رۇبىيو يېقىندا مەزكۇر شىركەتكە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ سىرلىق سودىسىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ماركو رۇبىيو مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك كەسپېرغا يازغان مەكتۇپىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئەسۋابلارنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىغا دائىر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇزاكىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
ماركو رۇبىيو مەكتۇپىدا يەنە «تېرمو فىشېر» شىركىتى يۇقىرىقى ئەسۋابلارنى خىتايغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ئەسۋابلارنى خاتا ئىشلارغا ئىشلەتمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مەزكۇر شىركەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا بەرگەن جاۋابىدا «خېرىدارلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىق قائىدە-تۈزۈم ۋە كارخانا ئۆلچەملىرىنى ياخشى ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەنلىكى، قانداق ئىجرا قىلىنسا، ئۇنىڭ «ياخشى ئىجرا قىلىش» بولىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ماركو رۇبىيونىڭ «تېرمو فىشېر» شىركىتىگە يازغان مەكتۇپىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ «ماركو رۇبىيونىڭ بۇ شىركەتكە خەت يېزىپ، بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىزنى خۇرسەن قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقى پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمىز» دېدى.
«تېرمو فىشېر» شىركىتىنىڭ ماركو رۇبىيوغا جاۋاب خەت يازغان ياكى يازمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز بۈگۈن «تېرمو فىشېر» شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلار دىرېكتورى رون ئوبرائىن سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
بىز ئېلخەت ئارقىلىق خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئەسۋابلارنى خاتا ئىشلارغا ئىشلىتىشىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى سودىدا بۇ ئەسۋابلارنىڭ خاتا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ بىزگە ئەۋەتكەن باياناتىدا بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىگەن.
ئۇلارنىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز مەھسۇلاتلىرىمىزنى ناھايىتى دىققەت بىلەن لايىھەلەيمىز ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئىجابىي يەر شارى سىياسىتىگە خىزمەت قىلىمىز. بىز DNA كىملىكىنى ئېنىقلاش ئىشلىرىدا جىنايەتچىلەرنى ئېنىقلاشتىن تارتىپ، ئادەم قاچاقچىلىرىنى توسۇش ۋە ئادالەتسىز ئەيىبلىنىشتىن ساقلىنىشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئىجابىي تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز.»
لېكىن دولقۇن ئەيسا مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ماسلىشىش ياكى ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بولۇش، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا بۇنداق بىر ئەسۋابنى سېتىپ بېرىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىغا ھەمنەپەس بولۇش ياكى ئۇنىڭغا ماسلىشىش، دەپ قارايمىز.»
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىز ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى قانۇندىن ھالقىغان بۇ خىل سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىشىنى ۋە ھازىرقى نېمە مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشلىرىگە قاراپ باقسىڭىز، شۇ خۇلاسىگە يېقىنلىشالايسىز، ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ ئەھۋاللار فالۇنگوڭچىلار ۋە فالۇنگوڭ جامائىتى دۇچ كەلگەن ئەھۋال ۋە شەرت-شارائىتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش نىشانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەر بار. شۇڭا بۇ مەسىلە بىز تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك بولغان بىر نۇقتا، خالاس».
ساراھ كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى يۆتكەش كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭنىڭ يىراقلىقى ۋە ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىنى ئادەم ئىچكى ئورگانلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئېنىقلاش مۈشكۈل. ئەمما بىز بۇ سودىنىڭ ناھايىتى بازار تېپىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نىشان ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا بۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەت بىلەن بۇ ھادىسىلەر بىرلەشتۈرۈلسە، بۇ رايوندا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»
ماركو رۇبىيونىڭ مەكتۇپىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتايدا باشقا دۆلەتلەردىكىدەك DNA ئۇچۇر ئامبىرىنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىي كاپالىتى يوق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ بىئو-ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلدى،» دەپ تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2017-يىلى 8-ئايدا «تېرمو فىشېر» شىركەتكە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خاتا ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكى ئۈستىدىن دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا، ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە خىتايغا بۇ ئەسۋابلارنى ساتماسلىققا ياكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغۇچە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.
0:00 / 0:00