خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىي يۈكسىلىشى ھەققىدىكى ستاتىستىكىسى گۇمان پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ستاتىستىكا باش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش تارمىقىنىڭ باشلىقى جاڭ فەنيۇنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ ئۇ، «ئۆتكەن بىر يىللىق ئۆسۈش سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى، ئۈچ پەسىللىك ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 57 مىليارد سومغا يېتىپ، 22 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى. بۇ ئاساسلىقى مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە ۋەزىيەتنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ستاتىستىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىدا يەنە بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5893 سومغا، شەھەر ئاھالىسىنىڭ بولسا 14 مىڭ 399 سومغا يەتكەنلىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىغا ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى شۇنداقلا خەلقنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيىسىنىڭمۇ ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، رادىئومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن بولسا گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە كارخانا-زاۋۇتلار كۆپلەپ ئېچىلىپ، ھەر ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات بولۇۋاتقان بولسىمۇ ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەرەققىياتلاردىن يىراق قالدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باشقا ياخشى سىياسەتلەردىن پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرى پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا كەمسىتىلىپ بۇ خىل ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقاندىن باشقا يەنە يەر-زېمىن بايلىقلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنداقتا ھازىر بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ يۇقىرىقى ستاتىستىكىلار يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يەكۈنلەنگەنمۇ؟ بۇ ستاتىستىكىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوخشىمىغان جايلاردا، ئوخشىمىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئوخشىمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار قانداق جاۋاب بېرىدۇ ئاڭلاپ كۆرەيلى (ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ)

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىر قەدەر تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسىدىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى، ناھىيىدىكى خەلقنىڭ يىللىق ئىقتىسادى سەۋىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى.

قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان، ئۆزى ۋە يېزىسىدىكى كۆپ سانلىق دېھقاننىڭ يىللىق كىرىمىنىڭمۇ بىر مىڭ سومغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئورگاننىڭ كادىرى بالىسىنى چەت ‘ئەلدە ئوقۇتۇشقا، ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقاچقا باياشاتلىقنىمۇ ھېس قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر كىچىك تىپتىكى كارخانىنىڭ خوجايىنى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خىتاي كارخانىلىرىغا قارىغاندا قۇۋۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ياش تىجارەتچى باي بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن يەر زېمىنلىرىنى ساتقانلار ۋە تىجارەت قىلىۋاتقانلار بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر ئۇيغۇر تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ئۇنچە پەرق بولمىسىمۇ ئەمما مال باھاسىنىڭ توختىماي يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىنكاسلىرى، ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ «ئۇيغۇر ئېلى تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا، ئەمما بۇ تەرەققىيات پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يېقىنقى 19 خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىنى نىشانلىق ياردەمگە چاقىرىشتەك سىياسەتلىرى بولسا، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى زېمىنى، بايلىقى، ئىنساندەك ياشاش ھەقلىرىدىن ئايرىماقتا، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ئاتالمىش تەرەققىياتلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ تېخىمۇ نامرات قالدۇرۇلماقتا» دېگەن بايانلىرىنى دەلىللىمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئائىت بۇ ستاتىستىكىلارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئىلگىرىكىدەكلا ئۇيغۇرلاردا گۇمان قوزغىماقتا.