تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆز تۈرك تۇنجى كىنو فىلىمىنى روياپقا چىقاردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-10-26
Share

يېقىنقى كۈنلەردە، تۈركىيەنىڭ «ئانادولو ئاگېنتلىقى»، «ت ر ت تېلېۋىزىيىسى»، «ئاخشام»، «ساباھ» گېزىتلىرى قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر رېژىسسور تۈركىيەدە تۇنجى كىنوسىنى ئىشلىدى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس خەۋەر ۋە زىيارەت فىلىملىرى تارقىتىلدى. دېيىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆز تۈرك ئەپەندى تۈركىيەگە يەرلەشكىنىگە بەش يىل بولغان بىر ياش رېژىسسور، ئۇ 10 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن گوللاندىيەگە ھىجرەت قىلىپ چىققان ۋە ئەرك تېلېۋىزىيىسى تورىنى تەسىس قىلىپ نۇرغۇن نادىر ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلەپ تارقىتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ياش ھەۋەسكار ئىدى، نۆۋەتتە ئۇ تۈركىيەدە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بىر كەسپىي رېژىسسور بولۇپ يېتىلدى. يېقىندا ئۇ، تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ باياز بالىنا يەنى (ئاق كىت) ناملىق كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى كىنو فىلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك روياپقا چىقاردى. مەزكۇر كىنو پات ئارىدا بازارغا سېلىنىش ۋە خەلقئارالىق كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت