دۇنيا بويىچە تەبىئىي، زىيانسىز يېشىل ئوزۇقلۇق ۋە دورىلارغا بولغان ئېھتىياج ھەممىدىن يۇقىرى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكمۇ ئەڭ پارلاق تەرەققىيات كەلگۈسىگە ئىگە بىر كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دورىگەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن كارخانا مەدەنىيىتىگە قەدەم بېسىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن چىقىپ بازارغا كىرگەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئەمدىلا شۆھرەت تېپىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىگىلىكمۇ دائىرىلەرنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى سانائەت تۈرى قۇرۇلۇشى» غا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى كەڭ تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھوقۇقلىرى بارا -بارا خىتاي شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكتە ئىكەن.
ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ بولسا، ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى نامىدىكى گورمون ۋە باشقا دورىلار قېتىپ ياسالغان ساختا دورىلارنىڭ بازارنى قاپلىشى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە ئېغىر تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىدۇر. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خىتاي خادىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇچراۋاتقان تەھدىتلەرگە قارىتا «ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدەك بايلىقنى كىمنىڭ ئېچىشى مۇھىم ئەمەس، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كەڭ ئېچىپ بازار تاپقۇزۇش مۇھىم» دېگەن جاۋابىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە، قوغداشقا تېگىشلىك قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە ئەمەس، پەقەت ماددىي قىممەت يارىتىدىغان بىر تۈر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ ھەمدە ئەسلى سۈپىتىنى ساقلاشنىڭ جىددىي بىر مەسىلە بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكىنى كەسىپ قىلغان دورىگەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بولسا ئومۇمىي بەدەنگە دورا قىلىش ئارقىلىق كېسەللەنگەن ئورۇننى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا، كېسەلنىڭ مەنبىيىگە ئاساسەن تەڭشەپ ياسىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنى كەسىپ قىلغان زاۋۇت قۇرۇش، دورا ئىجازەتنامىسى بېجىرىش، سېتىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى بىر گەۋدە قىلغان كارخانىلاشتۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال پايدىلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولغان خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كەسپىگە پۈتۈنلەي ئىگە بولغان ھەتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك كەسپىي مەسئۇلىيەت شىركىتى» نامىدىكى ئىلگىرى نام قازانغان خالمۇرات دوكتور ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىكى بىلەن تەتقىقات ئىشلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن شىركەتنىڭ تولۇق پېيىغا خۇبېيدىكى «رېن فۇ دورىگەرلىك شىركىتى» نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئىگە بولغان بولۇپ، ھازىر 30 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى مۇشۇ زاۋۇتتا ياسالماقتا.
خىتاي دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن تېخنىكا ۋە رېتسېپلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن «زۇكام كۇمىلىچى» قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى كەڭ تۈردە ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالماقتا.گەرچە ئۇلار مەبلەغ ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق دەۋاتقان بولسىمۇ، بىزگە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر تېبابەت كەسىپ ئەھلىلىرى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دورا ئىشلەش تېخنىكىسىغا بۇزغۇنچىلىق يارىتىپ، تېز ئۇنۇم ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ دورىلارغا ساختىلىق قوشۇۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم ئۇيغۇر تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر يېقىندا دائىرىلەردىن بۇنى تۈزەشنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىدا ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇچراۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە قارىتا دائىرىلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك كەسپىي مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئىككى بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغانلىقتىن ئادەم بولمىسا كېرەك، تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
بىز يەنە ئاپتونوم رايوندىكى تېبابەت دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل مەمۇرىي ئىشخانا باشلىقى لۇڭ شىبىڭنى ئىزدەپ تاپتۇق. ئۇ بىزنىڭ ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن ئەجەبلىنىپ «تېلېفون نومۇرۇمنى قانداق تاپتىڭلار» دەپ سورىغان بولسىمۇ، يەنىلا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئۆزى مەسئۇل بۇ ئورۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەمۇرىي ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، خاراكتېرىنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە يېمەك -ئىچمەك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ سۆزىنى باشلىدى.
بىز ئۇنىڭدىن زۇكام كۇمىلىچى دېگەندەك ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىنىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىش رۇخسىتى بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچەملىرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە سېتىلماقتا، ئەمما ھازىرچە چەتئەل ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىجازىتىنى تېخى ئالمىغان، ئەمما كەڭ تۈردە دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرۈش پىلانلانماقتا. بۇ دورىلار ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەنمەكتە.
بىز ئۇنىڭدىن بازارغا سېلىنغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىغا گورمون قوشۇلغان-قوشۇلمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ قەتئىي تۈردە «ئۇنداق ئىش يوق. ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈكلەردىن ياسىلىدىغان، پۈتۈنلەي ئەكس تەسىرى بولمىغان دورىلار، ئۇنىڭغا گورمون ياكى باشقا نەرسە قوشقاندا قىممىتى قالمايدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان دورا ئىشلەش تېخنىكىسى قوشۇپ ئىشلەنگەن دورىلار، ھازىر بارغانچە ئېتىراپقا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق نامدار مەھسۇلاتىغا ئايلانغان» دېدى.
بىز ئۇنىڭدىن، ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتىگە مىراسلىق قىلىپ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى شۇنداق كۆلەملەشكەن ئۇيغۇر تېبابەت دورا كەسپىي شىركەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ «ئۇ مۇھىم ئەمەس، بۇنىڭغا مۇنداق قارىشىڭىز كېرەك، ئۇيغۇر تېبابەت دورا شىركەتلىرىنىڭ پاي ئىگىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ چوڭ شىركەتلىرى بولغان بىلەن، دورىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرى يەنىلا شۇنداق تۇرمامدۇ، ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق مەبلەغ ۋە تېخنىكا بولمىغانلىقتىن، بۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇۋاتىمىز. ئۇنىڭغا كىمنىڭ غوجىدار بولۇشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، تېخنىكا جەھەتلەردىن يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلا بولسا، كىم ئاچسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ ئەركىن رىقابەتكە يۈزلەندۈرۈلگەن تۇرسا» دېدى.
ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋراچ بولۇپ ئىشلىگەن تەجرىبىلىك ئۇيغۇر تېۋىپنىڭ ئەندىشىسى بولسا: «خىتايدىكى دورا بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىق ھەممىگە مەلۇم مەسىلە، ساختا دورىلارنىڭ بارغانچە بازارنى ئىگىلەپ، خىتاي جەمئىيىتىدە ئىستېمالچىلاردا دورىلارغا قارىتا كۈچلۈك شۈبھە مەۋجۇت، ئادەملەرنى زەھەرلەۋاتقان بۇ خىلدىكى دورىلار دەل خىتايلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان. ھېچقانداق ئىنسانىي مەسئۇلىيەت، ئىمان ئېتىقادى بولمىغان، قىممەت قارىشى، ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىمى ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان، پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا ئويلايدىغان خىتاي خوجايىنلار ئۇيغۇر تېبابەت ئەھكاملىرى ۋە ئەنئەنىسىنى بىلمەيدۇ ۋە بىلىشكىمۇ قىزىقمايدۇ، ئۇنى بىر قىممەتلىك بايلىق سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئەنە شۇنداق خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پەقەت مەبلەغ ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكى بىلەنلا ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى مونوپول قىلىۋېلىشى ئۇيغۇر تېبابەت دورا كەسپىنى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەندۈرىدۇ.»