يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان خىتاي مىلياردېرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە، ھاراق، تېببىي دورىگەرلىك، باغ-ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى، ئاساسلىق تاللا بازىرى، ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە ئۆي-مۈلۈكچىلىك قاتارلىقلارنى قول ئاستىغا ئالغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا مىلياردېرلىرى يوق؟» دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن ئادالەتسىز مىللىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئاللىقاچان بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولدى، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەت ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكى ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سالغان ياكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىگىلىك تىكلىگەن خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئادالەتسىز رىقابەتتە چەتتە قالدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىگە سەۋەب بولماقتا، ئەمما، ئامېرىكىدىكى بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان زىيالىي قەيسەر مىجىت ئەپەندى «ئۇيغۇرلاردىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى كۆزىتىشتە، خىتاينىڭ سىياسىتىدىن ئىبارەت تاشقى ئامىلدىن باشقا، ئۆزىمىزدىكى ئىچكى ئامىلنىمۇ ئىزدەيدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايدىكى خۇرۇن ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىقتىساد گېزىتىدە ئېلان قىلغان خىتايدىكى مىلياردېرلار دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى مىلياردېرلار نىسبىتى سېلىشتۇرمىسىدىن 2013-يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۇراقلىق مۈلۈككە ئىگە كاتتا بايلار سانى 400 گە يېتىپ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 100 باي كۆپەيگەن. بۇلار مەملىكەت بويىچە 27 ئورۇندا تۇرغان، يەنە 10 مىلياردېر كۆپەيگەن بولۇپ 270 ئادەمگە يەتكەن.
1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى گۇاڭخۈي گۇروھىدىكى(孙广信) سۈن گۇاڭشىن بولۇپ تىجارەت دائىرىسى: ئۆي مۈلۈك سودىسى، ئېنېرگىيە، ماشىنا سودىسى،قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق. پۇلى: 23 مىليارد.
2-ئورۇندا خۇالىڭ گۇرۇھىدىكى( 米恩华) مى ئىنخۇا تىجارەت دائىرىسى :تاۋارلارنى توپ سېتىش مەيدانى، چارۋىچىلىق؛ ياغاچچىلىق قاتارلىق... پۇلى:6 مىليارد 500 مىليون.
3-ئورۇندا تېبىيەن گۇرۇھىدىكى (张新) جاڭشىن. پۇلى: 1 مىليارد 700 مىليون.
4-ئورۇندا تيەندى گۇرۇھىدىكى (郑大清) جىڭدا چىڭ پۇلى:1 مىليارد 600 مىليون. 5-ئورۇندا مىيكې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى (冯东明) فىڭ دۇڭمىن، پۇلى: 1 مىليارد 500 مىليون. 6-ئورۇندا تېبىيەن گۇرۇھىدىكى (陈伟林) چىن ۋېيلىن پۇلى: 1 مىليارد 300 مىليون. 7-ئورۇندا تاشقى سودا گۇرۇھىدىكى ئاكا-ئۇكا (张彦夫、张杰夫)جاڭ جېفۇلار بولۇپ پۇلى: 1 مىليارد 300 مىليون قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ تور بەت ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، «شىنجاڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى» 2009-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىلىشتا رايوندىكى ئەڭ تېز راۋاجلىنىۋاتقان 100 كارخانا باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 10 شىركەت شىنجاڭدىكى ئەڭ تېز راۋاجلىنىۋاتقان ئون كۈچلۈك كارخانا دېگەن نامغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ چېڭشىن ئۆي-زېمىن ئېچىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىندا يىنتۇڭ ئۆي سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر 2013-يىلىدىكى ئوتتۇز كۈچلۈك شىركەت قاتارىغا كىرگەن.
2013-يىلى ئالدىنقى 8 ئايدا شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلىكىدە بولمىغان 2904 كۆلەملىك كارخانىنىڭ جەمئىي تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى روشەن ھالدا ئېشىپ، 155 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16% ئاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى ئالدىنقى 8 ئايدا شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلىكىدە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پايدا ئومۇمىي مىقدارى رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى بەش كارخانا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك:
1. شىنجاڭ ئاشېل مىسچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى
2. گۈاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى
3. ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى
4. شىنجاڭ جىنفېڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى
5. شىنجاڭ جىنباۋ كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
بۇ بەش شىركەتنىڭ پايدا ئومۇمىي مىقدارى 656 مىليون يۈەندىن 347 مىليون يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەن.
تىزىملىككە كىرگەن كارخانىلار ئېنېرگىيە، ھاراق، تېبىي دورىگەرلىك، باغ-ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ياكى يەرلىك باشقا مىللەتلەر قۇرغان كارخانىلاردىن بىرىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگىنى يوق.
2010-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ يولغا قويغان ئاتالمىش خىتاي 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى تۈرتكىسىدە غايەت زور خىتاي سودىگەرلەر دولقۇنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئېقىشقا باشلىدى، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار، كارخانىچىلار، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىلار، پەسىللىك ئىشلەمچىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن «شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش»نىڭ سېپىگە قوشۇلدى، كەسپى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن رېئاللىق شۇكى، بۇ خىل سىياسەت دولقۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىگىلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىشتا بايلىقنىڭ باشقىلارغا ئېقىشىدەك زەربىگە دۇچ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا ئاز بولمىغان قىزىق نۇقتا تېمىلىرى مەيدانغا كېلىپ، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە مىللىي سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادالەتسىز بازار رىقابىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىقتىساد ئىلمى بويىچە لېكسىيىلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان، ئامېرىكىدىكى بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرتستېتىدا ئوقۇغان زىيالىي قەيسەر مىجىت ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش كۈچىنىڭ نېمىشقا ئىزچىل ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى چوقۇم ئېنىقلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئاندىن كېسەلگە قارىتا دورا بەرگىلى بولىدۇ. تاشقى ئامىل خىتاينىڭ سىياسىتىدىن باشقا، ئۆزىمىزدىكى ئىچكى ئامىللارنى ئىزدىگەندە، ئۇيغۇر مىللىي ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ-ئىقتىساد ئىلمىدىن خەۋەردار بولۇش، يېڭى تىپتىكى تېخنىكا ئىگىلەش، ئىلغار تېخنىكىنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە مايىللاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر مەبلەغ جۇغلاش، يەر شارىلىشىشقا سىڭىپ كىرىش، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش، تەقلىد قىلىش، ئۆزى يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلاردا ئىلگىرىلىگەندە پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بوشلۇقىمىز بار.»