«ئىنسان مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى توختىمايدۇ، ئايلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان مۇناسىۋەت.» تىجارەت يولىغا كىرگەن ھەر قانداق بىر شەخس ياكى بىر شىركەت، قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ ئەلۋەتتە. «ئىقتىسادشۇناسلىق»، «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق» توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىزىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كەمچىل بولغان بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. نوقۇل ھالدىكى نەزەرىيە گەرچە مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا تاللىشىڭىزغا ياردىمى بولغۇسى، دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ دەرسنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا قەيسەر مىجىت ئەپەندى ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى ياشلىرىمىزغا، مىللىي كارخانىلارغا دەۋرنىڭ رىقابىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە نېمىلەرنى تەرغىب قىلىدۇ؟
قەيسەر ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىلىرى:
«ئىشنى نەدىن باشلايمەن؟» دېمەي، ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ. قانداقلا بولسۇن بىر كەسپىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىڭ، ئۇنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى سۈپەتتە قىلىشقا تىرىشىڭ...»
«ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا قاراتقان سىياسەت ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكىدىن سىزنىڭمۇ نېسىۋىڭىزنى ئېلىش ھوقۇقىڭىز بار، بەرمىسە تالىشىپ ئېلىڭ، تەلەپ قىلىڭ....»
«بىرلا خىل سودا يولىغا باغلانماڭ، كىچىككىنە پايدا كۆرگەندىن كېيىنلا مەبلەغنى يەنىمۇ چوڭ تۈرلەرگە سېلىشنىڭ ئورنىغا، توڭلىتىپ قويماڭ ياكى خەجلىۋەتمەڭ....»
«يېڭىلىق يارىتىڭ، ماركا تىكلەڭ، سىرتقا، دۇنياغا يۈزلىنىڭ، ئىلغار تېخنىكىنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلەتسە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ...»
«تەۋەككۈلچىلىكتىن قورقماڭ، غەلىبە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ. ھازىر ھەقىقىي مەبلەغ سالغۇچىلار، پاي باھاسى ئەڭ تۆۋەن چاغدا نۇرغۇنلىغان پاينى سېتىۋالىدۇ، بەلكىم بۇنىڭدىن نۇرغۇن پۇل تېپىشى مۇمكىن....»
«ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋر نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا، بۇ ساھە كارخانا ھەتتا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، ئۆزىڭىز تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتالمىسىڭىز، بۇ ساھەدە ئىختىساسلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىڭ....»
«خەلقئارادىكى مىللىي كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى ئىزدەڭ، يۇرتىمىز ‹ياۋرۇ-ئاسىيا بازىرىدىن دۇنيا بازىرى› غا ئايلىنىشى مۇمكىن. يەرشارىلىشىشقا قانداق قىلىپ سىڭىپ كىرىش يوللىرىنى نىشان قىلىپ تىرىشىڭ...»