يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭخۈي گۇرۇھى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسى تەۋەسىدە كۆمۈر ۋە ئېتىلېن پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرغان.
زاۋۇتتىن تىنىمسىز ھالدا سىرتقا چىقىرىلغان كىسلاتالىق پاسكىنا سۇ بىلەن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك ئىس-تۈتەك ئەزەلدىن ھاۋاسى ساپ بۇ تاغلىق ناھىيەنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ نوم يېزىسى تەۋەسىدىكى بىيپايان قەدىمىي توغراقلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىكى بۇلغىنىش تۈپەيلى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن گۇاڭخۈي گۇرۇھىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كان ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئاندىن بىز مەزكۇر ناھىيەدىكى يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يەرلىك ئۇيغۇر دېھقان خىتايلار قۇرغان زاۋۇت، كان-كارخانىلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا كۆرسىتىۋاتقان ئېغىر خىرىسلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلدى.
ئاراتۈرك ناھىيەسى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بىر كىچىك ناھىيە. ئۇ تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق جەنۇبتا قۇمۇل تۈزلەڭلىكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئاراتۈرك ناھىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قەدىمىي يۇرت بولۇپ، 1931-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە بولغان جەرياندا كۆپ قېتىم خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن جايلارنىڭ بىرىدۇر.
ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇخولو يېزىسىنىڭ باشلىقىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇاڭخۈي گۇرۇھى قۇرغان زاۋۇتلارنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىگە، بولۇپمۇ نوم يېزىسىنىڭ مۇھىتىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى بايان قىلدى.
مەلۇمكى، ئاراتۈرك ناھىيەسى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تاغلىق چېگرا ناھىيە بولۇپ، بۇ يەردە ياشىغۇچى يەرلىك ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ساقلاپ كەلگەن. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ ناھىيەنى مەجبۇرىي ھالدا سانائەتلەشتۈرۈش پىلانى خۇددى توخۇلو يېزىسىنىڭ باشلىقى تەكىتلىگىنىدەك «دېھقانلارنى كەتمەندىن، چارۋىچىلارنى قامچىدىن ئايرىغان.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.