گۇما يېزىلىرىدىكى قارانچۇقسىز بالىلار (1)

0:00 / 0:00

گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىغا قاراشلىق يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قارانچۇقسىز قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

شۇ جايدىكى مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارغا قىشلىق كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقى بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تور بەتلىرىدە ئۇلاپ بېسىلدى.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقۇش ئۈچۈن مۇجى بازىرىغا قاراشلىق يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئوقۇتقۇچى قىش كىرىپ سوغۇق چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ تېخىچە قىشلىق كىيىم-كېچىكى يوقلۇقىنى، كەنتتىكى بەزى ئائىلىلەرنىڭ ھازىرغىچە مەشكە ئوت ياقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى: «يېڭىباغ كەنتى مۇجى بازىرىغا 4 كىلومېتىرلا كېلىدىغان بىر يۇرت. بۇ يەردە تېرىلغۇ يەرلەر قىس، سۇ كەمچىل ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار. كەنتتىكى ئاھالىلەر ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئەر، ئايال بىرلىكتە پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا كېتىپ قالىدۇ. بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە بېرىپ ئايلارچە ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنى موما، بوۋىسى ياكى قوشنىلىرىدىن بىرەرىگە ھاۋالە قىلىپ قويۇپ 4-ئايلاردا ئۆيىدىن ئايرىلسا يىل ئاخىرىدا ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، كەنتتىكى بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسىز، يەنى قارانچۇقسىز ياشايدۇ.»

مەزكۇر ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «مەكتىپىمىزدە 640 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يېڭىباغ كەنتى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا كەنتلەردىن كېلىدۇ. مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر يىلدىن بۇيان ئۆزۈم مەسئۇل بولغان سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشەلمىدىم. ھەر قېتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنى چاقىرسام ھېچكىم كەلمەيدۇ، بالىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى، باشقا يۇرتلارغا ئىشلەمچىلىك ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. مەن بالىلارنىڭ يىللارچە كونا كىيىملەر بىلەن يۈرگەنلىكىنى، بەزى بالىلارنىڭ پۇتىدىن ئاياغلىرىنىڭ چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن. شۇ سەۋەبتىن كونا كىيىم-كېچەك توپلاپ، بالىلارنى قىشتىن ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتكە چاقىرىق چىقاردۇق. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئالدى قولىمىزغا يېتىپ كەلدى، لېكىن بىزگە ئەۋەتىلگەن كىيىملەرنىڭ كۆپىنچىسى بەكمۇ كونا، ھەتتا كىيگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى كونا كىيىملەرمۇ بار ئىكەن.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بالىلارغا مەكتەپتىن چۈشتە بىر ۋاق تاماق بېرىمىز. تاماقنىڭ مىقدارى خېلى كۆپ بولسىمۇ، مەن نۇرغۇن بالىلارنىڭ تويمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى تويغاندەك ھېس قىلمايدىغانلىقىنى سېزىمەن. چۈنكى كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆيىدە بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تامىقىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق. ئۇلار چۈشتە قانچە كۆپ تاماق يېسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى تويغاندەك ھېس قىلمايدىكەن. بالىلار ئاغرىپ قالسا ئۇلارنى دوختۇرغا ئاپىرىدىغان ياكى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاتا، ئانىلىرى يوق. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز ياكى دورا سېتىۋېلىپ ئىچكۈزىمىز. ئەمما بىزنىڭمۇ ئىمكانىيىتىمىز چەكلىك بولغاچقا ھەممە بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىزمىز.

مەن ئۆزۈم ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەنمەن. شىمالدا، يەنى غۇلجا، قاراماي ۋە ئۈرۈمچىلەردە نۇرغۇن ساۋاقداش ھەم دوستلىرىم بار. شىمالدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئاتا، ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى بۇ يەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق مەۋجۇت. بۇ يەردە بالىلارنىڭ ئۇچىسىغا يەتكۈدەك كىيىم، قورسىقى تويغۇدەك تاماق بېرەلمىسەك، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپ، ئاتا، ئانىسىنىڭ مېھرىنى تولۇق ھېس قىلىپ بالىلىق دەۋرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن!؟ يېقىندا سىنىپتىكى بالىلارغا ماقالە يازدۇرغان ئىدىم. بىر بالا مۇنداق دەپ يېزىپتۇ: ‹ئاتا، ئانامنى كۆرمىگىلى بىرقانچە ئايلار بولدى. مەن ئۇلارنى بەكمۇ سېغىنىمەن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم ئاتا، ئانام بىلەن بىللە ياشىسام دەيمەن!› مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتىم.»

بىز بۇ ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەش ئۈچۈن يېڭىباغ كەنتىنىڭ سېكرېتارغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، كەنت سېكرېتارى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ يېڭىباغ كەنتىمۇ؟
كەنت سېكرېتارى: ھەئە، شۇنداق.

مۇخبىر: سىز يېڭىباغ كەنتىنىڭ سېكرېتارى بولامسىز؟
كەنت سېكرېتارى: ھەئە، مەن شۇ.

مۇخبىر: قاراڭ، يېڭىباغ كەنتىدىن ئاقسۇ تەرەپكە پاختا تەرگىلى كەتكەن دېھقانلار قايتىپ كەلدىمۇ؟
كەنت سېكرېتارى: مەن بىلمەيمەن.

مۇخبىر: سىز كەنت سېكرېتارى تۇرۇپ بۇ ئەھۋالنى ئۇقمامسىز؟
كەنت سېكرېتارى: ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟

مۇخبىر: ھە مەن مۇخبىر، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، ئامېرىكىدىن ئۇرۇۋاتىمەن.

يۇقىرىدا گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىنىڭ يېڭىباغ كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئايلاردىن بۇيان قارانچۇقسىز قالغانلىقى، تېرىلغۇ يەرلىرى قىس بولغاچقا ئاتا، ئانىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك غېمى بىلەن پاختا تېرىش ئۈچۈن ئاقسۇ تەرەپتىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە ياللانما ئەمگەك كۈچى بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.