ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭ داۋاملىق كېڭەيمەكتىكەن

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى ئىككى كۈن ئاۋۋال خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە چوڭ شەھەرنىڭ 2018‏-يىلدىكى دەسلەپكى 3 ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى كىرىمى ئەڭ تۆۋەن رايون بولۇپ، 30 ۋە 31‏-ئورۇننى ئىگىلىگەن. شاڭخەي شەھىرى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شەھەر بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 3 ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 277 يۈەن دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن قالسا بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە تيەنجىن شەھىرى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئالدىنقى 5 ئۆلكە-شەھەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4593 يۈەن، تىبەتنىڭ 3136 يۈەن ئىكەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، يۇقىرىقى رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئۆسكەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي، جېجياڭ ۋە تيەنجىنگە ئوخشاش رايونلىرىنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىرىم پەرقىدىكى بۇ غايەت زور ھاڭنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى پەيدا قىلغان. ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى دوكتور چېن كۇيدې ئەپەندى بۇ رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كىشىنى چۆچۈتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « 2018-يىلنىڭ 1-چارىكىدىكى ستاتىستىكا شۇنى كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ دېڭىز بويىدىكى شاڭخەي، بېيجىڭدەك شەھەرلەر بىلەن بولغان كىرىم پەرقى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. بۇ ئەھۋال ئىزچىل مەۋجۇت ھادىسە بولۇپ، دېمەك يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە كىرىمىدىكى پەرقنىڭ بۇنچىلىك زور بولۇشى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. بۇ پەرق ئۇزۇن يىللىق مەسىلە دېيىلسىمۇ، لېكىن بۇ ھاڭنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق چوڭىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىگە باغلىق بولماي قالمايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي سىياسىتىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق تەقىب قىلىش، قاتتىق چەكلەش سىياسىتىگە، ئۇلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەر ۋە خەلقئارا بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى قاتتىق چەكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك.»

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭ 1950‏-يىللاردا باشلانغان. ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ پەرقنىڭ كېيىنكى 30 يىللىق ئىسلاھات دەۋرىدە تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پەرق ئاساسەن خىتاينىڭ سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىپ، قورسىقى ئارانلا تويىدىغان، ھەتتا بەزى رايونلاردا قورسىقىمۇ تويمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى دېسەك بولىدۇ. 80‏-يىللاردا بىر خىتاي پروفېسسورنىڭ يازغان بىر كىتابى بار ئىدى. ‹جىرانىڭ ئىچىدىكى خىتاي› دېگەن. شۇنىڭدا يېزىلىشىچە، تاكى 50‏-يىللارغىچە بىزنىڭ ۋەتەننىڭ ئومۇمىي كىرىمى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى خىتايغا سېلىشتۇرغاندا، 20 نەچچە پىرسەنت يۇقىرى ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئىسلاھاتتىن كېيىن ئۇلارنى قەستەن نامرات قالدۇرۇشنىڭ ئالدىدا ياخشى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي ھازىرقى بۇ زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

خىتايدىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ كىرىم پەرقى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ستاتىستىكا خىتاي ھۆكۈمىتى«بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ تۈگۈنىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىلى يېزا-ئىگىلىك، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر سانائىتى، ئىجتىمائىي خىزمەت، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى، ئۆي-مۈلۈك ۋە بىناكارلىق قاتارلىق 10 خىل تۈردىكى مۇقىم مۈلۈككە 150 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بۇ مەبلەغنىڭ قەيەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە كىمگە پايدا يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەبلەغ نەگە سېلىنىۋاتىدۇ، نەگە خەجلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ۋەتەن بىلەن تىبەتتە بۇ مەبلەغنىڭ ئاساسلىق قىسمى ساقچى، قورال ۋە شۇ يەردىكى خەلقلەرنى نازارەت قىلىشقا، شۇنىڭغا ئىشلەتكەن ئەسلىھەلەرگە كېتىپ بارىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ مەبلەغنىڭ ھېچقايسىسى يەرلىككە مەنپەئەت ئەكەلمىدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى بىر شىركىتى بارغان بولسا ئۇنىڭ كىرىمى يەنە شاڭخەيگە كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتسىز، ئۇلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، كىرىمدىكى پەرقنى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەيدا قىلمىغان. ئامېرىكادىكى خىتاي ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىرىمدىكى پەرقنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، تىل مەسىلىسى قاتارلىق ئەمەلىي ئامىللار پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ كىرىم پەرقىدىكى مەسىلە رايونلارنىڭ پەرقىدىكى مەسىلە ئەمەس. بەلكى، ئەمەلىي ئامىللارنىڭ پەرقىدىكى مەسىلە. نېمىشقا ئۇنداق دەيمىز، چۈنكى، رايونلارنىڭ پەرقىنى ئالغا سۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەينى كىرىمى ئوخشاش بولسۇن ياكى كۆپ پەرقلەنمىسۇن دېسىڭىز، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىدا بۇنى ئىشقا ئاشۇرماق مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا رايونلارنىڭ پەرقىنى بەك تەكىتلەش مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭا، مەن ئەمەلىي ئامىللاردىكى پەرقنى تەكىتلەش كېرەك، دەپ قارايمەن. شىنجاڭ بىلەن شاڭخەينىڭ، گەنسۇ بىلەن گۇاڭدۇڭنى ئوخشاپ ئورۇنغا قويالمايسىز. مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى شىنجاڭغا بارغان. يەرلىك بىر كادىر ماڭا تۇرپان بىلەن شاڭخەينىڭ كىرىم پەرقى بەك چوڭلۇقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئىقتىساد جۇغراپىيەسى ئوقۇغان-ئوقۇمىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇنىڭغا ئىقتىساد جۇغراپىيەسىنى ئوقۇسىڭىز، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يوقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىسىز، دېگەن ئىدىم.»

لېكىن دوكتور چېن كۇيدې ئەپەندى خې چىڭليەننىڭ بۇ قارىشىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خې چىڭليەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەمەلىي ئامىللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

چېن كۇيدې مۇنداق دەيدۇ: «دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئىچكى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىزچىل مەۋجۇت مەسىلە. لېكىن ھازىر بۇ پەرق بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى بىر مەسىلىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا دائىر ئەمەلىي ئامىللار ھەققىدىكى پىكرى مەسىلىنىڭ ئەسلى سەۋەبى، ئەڭ نېگىزلىك سەۋەبى ئەمەس. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇ، ئۇلارغا مائارىپ، كۆڭۈل بۆلۈش، بايلىق تەقسىماتى، كەسپىي تەربىيەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادىل ۋە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندىمۇ، دېگەن مەسىلىدۇر. بۇلار ئىنتايىن زور مەسىلىلەر. ئەگەر ئۇلار بۇ جەھەتلەردە ئادىل، ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشمىگەن بولسا، ئۇنىڭ پەيدا قىلغان خىزمەت، كەسپىي ئىقتىدار ۋەھاكازالار جەھەتتىكى ئاقىۋىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. دېمەك، بۇ ھازىر ئىقتىسادى تۇرمۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مىللىي سىياسىتى بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن سىز ئېيتقان يۇقىرىقى ئىقتىسادشۇناس خانىم بۇ ئەھۋالنى كۆردى. لېكىن ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئويلاشنى خالىمىغان ئوخشايدۇ.»

خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت قاتارلىق رايونلارنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭ كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 پىرسەنت ئاشقان. ئانالىزچىلار، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆسسىمۇ، رايونلارنىڭ كىرىم پەرقىدىكى ھاڭنىڭ چوڭىيىشى خىتايدا ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مۇقىملىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.