گۇۋاھچىلار: قەشقەردە ئۇيغۇر ئۈزۈم سودىگەرلىرى سولاقتا، خىتاي سودىگەرلەر بازاردا

0:00 / 0:00

قەشقەر بەشكېرەمدە 32 مىڭ مو باغدىكى ئۈزۈمنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئۈزۈم بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرغان بولسا، قەشقەردىكى خىتاي تىجارەتچىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان بىرنەچچە خىتاي تىجارەتچى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ئوقىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك كوچىلاردا ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكى ۋە 19 ‏-قۇرۇلتاي سىياسىي ھاۋاسىنىڭ ئۈزۈم بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى يوشۇرمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان قاتتىق زەربە دولقۇنىدا ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ مۇھىم ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى بولۇشى، رايوندىكى بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىشىنى ئوڭ قىلغان. قەشقەردە بىر قىسىم خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، ئىشىنى تاشلاپ بازاردا سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ئارىلاشقان؛ بۇرۇن يايمىچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى باغلارنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۈزۈم سودىگىرىگە ئايلانغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر گۇۋاھچىنىڭ بۇ بايانلىرى قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا دەلىللەندى. ئۆزىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان قەشقەردە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر خىتاي كۆچمەن ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە قەشقەردە ئۈزۈم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يەنە بىر نەپەر خىتاي تىجارەتچى، ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئۈزۈم ۋە ئانار سودىسى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆزىنىڭ بەشكېرەمدە مەخسۇس ئۈزۈم ئامبىرى بارلىقىنى بايان قىلغان بىر خىتاي تىجارەتچى، بۇ يىل ئىش-ئوقىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر توننىدىن تۆۋەن مىقداردا ئۈزۈم ئالىدىغان خېرىدارغا قىززىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قەشقەر شەھەر ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن دۇكان ئاچقانلىقىنى بايان قىلغان يەنە بىر خىتاي تىجارەتچى، بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىتىلىپ، قەشقەردە كوچىلاردا ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكى، ئۈزۈم بازىرىدا ئىستىمالچىلارنىڭلا ئەمەس، تىجارەتچىلەرنىڭ يوق دېيەرلىك ئازايغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى تىلغا ئالدى. خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، 19 ‏-قۇرۇلتاي سەۋەبلىك، قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئىلىكىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرى بەزى جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئاقسىغان، بەزى جايلاردا پۈتۈنلەي توختىغان. بۇلارنىڭ بايانلىرىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 19 ‏-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ مەخسۇس قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنىشى، ئۈزۈملەرنىڭ ۋاقتىدا شېخىدىن ئۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان. ئۈزۈمنىڭ شاختا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشى، ئۈزۈمنىڭ ئۈشىشىگە سەۋەب بولغان. يەنە بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى يېپىق تەربىيە مەركەزلىرى سەۋەبلىك ئۈزۈم باغلىرى ئاساسەن پەرۋىشسىز قالغان ۋە مېۋىسى كېسەلگە مۇپتىلا بولغان.

ئۈزۈم سودىسىنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ، يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا قېلىشى، ئۈزۈم گەرچە كېسەللىككە ئۇچرىغان، كوچىلاردا خېرىدار ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇرۇندىنلا رايوندىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە، جۈملىدىن خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ ئىش-ئوقىتىگە ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كەلمىگەن، ئەكسىچە سودىدا ئىلگىرىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.