سېتىلماي قالغان ئۈزۈم ھەققىدە مۇراجىئەتنامە تارقاتقان ئالىمجان ئىز-دېرەكسىز

0:00 / 0:00

يېقىندا قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا 10 مىڭ مو باغدىكى ئۈزۈملەرنىڭ ئۈزۈم سودىگەرلىرى يوقلۇقى سەۋەبىدىن بېسىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۈندىداردا بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۇ ئەھۋال ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى چىقارغان ئالىمجان ئىسىملىك كىشى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدى. ئالاقىدار مەنبەلەر ئالىمجان ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەتنامە سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە قەشقەر بەشكېرەمدە 10 مىڭ مو باغدىكى ئۈزۈمنىڭ ئورگانىك ئوغۇت بىلەن يېتىشتۈرۈلگەنلىكى، پەرۋىش جەريانىدا ھېچقانداق خىمىيىۋى ماددا قوللىنىلمىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۈزۈملەرنىڭ ئۈزۈم سودىگەرلىرى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بېسىلىپ قالغانلىقى يېزىلغان؛ شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتى ئىشارەت قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلار بۇ ئۈزۈملەرنى سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلىنغان.

مۇراجىئەتنامە ئۆزىنى دېھقانلار ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان ئالىمجان ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىش ياكى بايان قىلىش بۇرۇندىنلا دائىرىلەرنىڭ دىتىغا ياقماي كەلگەن، بەزىدە ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بۇ خىل مەسىلە ئىنكاس قىلغانلار خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇڭا بىز بەشكېرەمدىكى ئۈزۈم بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش داۋامىدا، ئالىمجاننىڭ ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە، ئالىمجاننىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە تەۋە بولغان ئىككى تېلېفون نومۇرى يېزىلغان. ھەر ئىككى نومۇرغا تەكرار-تەكرار ئۇرۇلغان تېلېفونلار جاۋابسىز قالدى.

بەشكېرەم مېۋە-چېۋە بازىرىدىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەرمۇ، ئالىمجان ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بەشكېرەم ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەر، ئالىمجاننىڭ كۆپ ئېھتىماللىقتا تۇتقۇن قىلىنغانلىق پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. قەشقەر بەشكېرەم ساقچىخانىسىمۇ، ئۈزۈم ھەققىدە مۇراجىئەتنامە چىقارغان ئالىمجان ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بەشكېرەم ساقچىخانا باشلىقى ئەيساجان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

گەرچە ئالاقىدار مەنبەلەر ئالىمجاننىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچنېمە دەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، بەشكېرەم يېزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى يەنى كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەكېتىلگەنلىكى ئالىمجاننىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى دەلىللىمەكتە. ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزىنىڭ ۋە 3 قېرىندىشىنىڭ ئائىلىسىدىن 5 كىشىنىڭ؛ ئالدى- كەينى ئىككى قوشنىسىدىن بولسا 3 كىشىنىڭ سولاقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئالدىنقى يىلى چىقارغان بەلگىلىمىسىدە، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق، سەلبىي مەسىلىلەرنى جەمئىيەتتە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاھالىلەرنى مەخسۇس ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.