شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئارقا كۆرۈنىشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.03.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xi-jinping-putin-beijing-2012-305.jpg شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۇتىن بىلەن سۆھبەتتە (2012-يىلى)
AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 22 - 24 - كۈنلىرى رۇسىيە پايتەختى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن ۋە باش مىنىستىر دمىترىي مېدۋېدېۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىگە يۇقىرى باھالار بېرىلمەكتە.

تارىخىي ئەھمىيەتلىك موسكۋا سەپىرى

تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى چەتئەل سەپىرى سۈپىتىدە رۇسىيىنى تاللىشى قىزىقىش نۇقتىسى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خىتاي تەرەپ مەزكۇر سەپەرگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىخۇن بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى زور نامايەندىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە» دە باھا بەردى.

شى جىنپىڭ ئۆزىمۇ دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «مەن پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش پەيتىنى ئىنتايىن كۈتمەكتىمەن» دەپ بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭگە نېمە ئۈچۈن رۇسىيە كېرەك؟

موسكۋادىن تارقىتىلىدىغان «رۇسىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ ئانالىزچىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا ئىشەنچىنى ۋە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىش، دەپ كۆرسەتكەن.

بىر قىسىم رۇسىيە ئانالىزچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپلا بىرىنچى سەپىرىنى موسكۋادىن باشلىشىنى موسكۋانىڭ ھەر تەرەپلىمە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ تەھلىل قىلماقتا.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «نېۋسرۇ» تورىنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 23 - مارت كۈنى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن، ئارقىدىن باش مىنىستىرى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

رۇسىيە ئانازلىچىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىگە مۇنداق زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم يۇقىرى باھالىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ بېيجىڭنىڭ غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ھەم بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ كافېدرا مۇدىرى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ كۈچى كۆپ ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقارا مۇناسىۋەتلەردە يەنىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خىتاي خەلقارا جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، بولۇپمۇ غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.

رۇسىيە خەلقلەر دوستلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى خىتاي ئىستراتېگىيىسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور ئالېكسېي ماسلوۋ موسكۋادا چىقىدىغان «گازېتا.رۇ» تورىدا شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە پىكىر - كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «خىتاي رۇسىيىدىن ئۆتكۈنچى رايون سۈپىتىدە پايدىلانماقچى» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە خىتاي ئۈچۈن ئۆتكۈنچى رايون سۈپىتىدە كېرەك قىلىنىدۇ. خىتاي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ھەتتا خەلقارا سەھنىدە رۇسىيىنى ۋاسىتە قىلىدۇ.

دوكتور ئابلەت كامالوف بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيە، كورىيە ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىمۇ ئوخشاشلا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەم رۇسىيىدىن پايدىلىنىشى زۆرۈر.

سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتا

پروفېسسور ئالېكسېي ماسلوۋ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئالساق، ئالدى بىلەن نېفىت،تەبىئىي گاز ئېكىسپورتى، بولۇپمۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، چۈنكى ھازىر خىتاي، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چېگرا رايونلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى يېتەرسىزلىكىنى بەكلا ھېس قىلماقتا.» دەپ قارىغان.

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچىمۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى سودا - ئىقتىسادىي ساھە بولۇپ، خىتاي رۇسىيە خام ئەشيالىرىغا مۇھتاج. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىمۇ مەزكۇر نۇقتا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىشى مۇمكىن.

رۇسىيىنىڭ « نېۋسرۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا رۇسىيىنىڭ كۆمۈرلىكلىرىنى سېتىۋېلىش ھەم رۇسىيىگە يىراق شەرقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرز بېرىشكە ئائىت بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىنىشى شۇنىڭدەك يەنە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن. خىتاي يەنە رۇسىيىدىن تېخىمۇ كۆپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،رۇسىيىدە چىقىدىغان «ۋلاستى» ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا نېفىت ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ھازىرقى ھەر يىلى 15 مىليون توننا توشۇش مىقدارىنى 30 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشكە ئائىت كېلىشىم ئىمزالىنىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، ئەڭ مۇھىمى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشى ئېھتىماللىققا يېقىن.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەقىقى ئىشەنچىلىك مۇناسىۋەت مەۋجۇتمۇ؟

«خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۆزارا ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنا ۋە ياخشى ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولۇش» خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەكىتلەۋاتقان نۇقتىدۇر. بۇ نۇقتا جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن تەكىتلەنگەن بولسا، مانا ئەمدى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تەكىتلىنىشى مۇمكىن. خىتاي رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە تۇرماقتا. لېكىن، رۇسىيە ۋە خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ ھەتتا خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىك ھەم ئەندىشە تۇيغۇسى مەۋجۇت بولۇپ، يىراق شەرقتىكى رۇسىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا « خىتاي تەھدىتى» قارىشى ھامان ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە. خىتاي مىللەتچىلىك قاتلىمىغا مەنسۇپ كىشىلەردىمۇ تاكى ھازىرغىچە رۇسىيىنى تاجاۋۇزچى، جۇڭگونىڭ بىر مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بېسىۋالغان دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى ئاشقان تور بەتكە پىكىر يازغان خىتاي مىللەتچىلىرى « رۇسىيە دۇنيادا جۇڭگو خەلقىغە ئەڭ زىيان سالغان، جۇڭگونىڭ زېمىنىنى ئەڭ كۆپ ئىگىلىۋالغان مەملىكەت، تاشقى،موڭغۇلىيىنى پارچىلىدى ۋە بىر مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىمىزنى بېسىۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

مۇنداق، رۇسىيىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلەيدىغان ئىدىيىلەر خىتايدىكى « بۈيۈك جۇڭخۇا» قاتارلىق تور بەتلەردىمۇ كۆپلەپ تارقىتىلغان ئىدى.!

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، كېيىنكى رۇسىيە دەۋرى بولسۇن ھېچقاچان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىشەنچىلىك مۇناسىۋەت تۇرغۇزۇلغان ئەمەس، ھەقىقىي دوستلۇقمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

رۇسىيە خەلقلەر دوستلۇقى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالېكسېي ماسلوۋ بولسا، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلىگەن مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى «يوشۇرۇن توقۇنۇشلارغا ئىگە مۇناسىۋەت» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۇلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا تەسىر كۈچ كۆرسىتىش ھەتتا يىراق شەرق نۇقتىلىرىدا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەتتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندا تەسىر كۈچى تىكلەش ئۈچۈن بولىدىغان كۈرەشلەر ھەتتا خىتاينىڭ رۇسىيە تېررىتورىيىسىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە ئافرىقىغا تەسىر كۈچىنى تىكلەش مەسىلىلىرىدە زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزاسى، سىياسىي ئانالىزچى جاھانگىر مەمەتوفنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا رايونى يەنىلا رۇسىيىنىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا، خىتاي قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بەكرەك ئالاقە قىلىدۇ. ئەمما، بەرىبىر تەسىر كۈچ جەھەتتىن رۇسىيىگە قارىغاندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەس.

رۇسىيە - خىتاي سودىسى 160 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلىدۇ

رۇسىيە بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش خىتاي رەھبەرلىرى تەكىتلەۋاتقان نۇقتا بولۇپ، ئىلگىرىكى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ بۇ نۇقتىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى ھەر يىلى ئاشقان. خىتاي باش ئەلچىسى لىخۇن ئۆز باياناتىدا رۇسىيە - خىتاي سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تون بىلەن بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەلۇماتىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رۇسىيە - خىتاي سودا سوممىسى 88 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ھەمدە خىتاي ئۇدا ئىككى يىل رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولغان.

يېڭىدىن سايلانغان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنى 160 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ۋلادىمىر پۇتىن جەنۇبىي ئافرىقا پايتەختىدە ئۆتكۈزىدىغان رۇسىيە، خىتاي، برازىلىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت «كېسەك» دۆلەتلىرى باشلىقىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.