تۆرەم پاشا خانىم غۇلجا خىتاي بازىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي بازىرىنى رەتلەش نامىدا، بازاردىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرى يېزىلغان ئىدى.

غۇلجا شەھىرىدىكى قەدىمىي بازارلارنىڭ بىرى بولغان خىتاي بازىرىنىڭ تارىخىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا غۇلجا شەھىرىدىن ئايرىلىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تۆرەم پاشا خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى يىللىرىدىكى غۇلجىنىڭ ئاۋات بازارلىرىدىن خىتاي بازىرى،تاشلەپكە بازىرى قاتارلىق ئۇيغۇر بازارلىرىنىڭ تارىخى ۋە بۇ بازارلارنىڭ شۇ يىللاردىكى غۇلجا خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

غۇلجا شەھىرىدىكى قەدىمىي بازارلاردىن بىرى بولغان خىتاي بازىرىنىڭ «رەتكە سېلىنىش»نامىدا، بازاردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق مىلىچماللار تېپىلىدىغان بۇ بازارنىڭ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ھاياتىدىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاتىرىسىدىمۇ ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىدا ئەڭ دەسلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن تۆرەم پاشا خانىم، 1950 - يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە غۇلجىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. تۆرەم پاشا خانىم بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجىدىكى قەدىمىي بازارلاردىن بىرى بولغان خىتاي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ «بازارنى رەتلەش» نامىدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بازىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئاپىسدىن ئاڭلىغانلىرىنى ھەم ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

غۇلجا تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا «خىتاي بازىرى» دەپ ئاتالغان بۇ بازار 1900 - يىللار ئەتراپىدا قۇرۇلغان قەدىمىي بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1910 - يىللاردىلا مىلىچمال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن كاسىپلار توپلانغان ئاۋات بازارلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ بازاردا تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ھەرقانداق نەرسە تېپىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، غۇلجىلىقلار ئارىسىدا«خىتاي بازىرىدا توخو سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ«دېگەن سۆز تارقالغان.

تۆرەم پاشا خانىم سۆزىدە بازارنىڭ «خىتاي بازىرى» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ۋە بازاردا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ بازارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى مىلىچ ماللارنى ساتىدىغان ئاۋات بازارلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان تاۋار - دۇردۇن، يىپەك رەختلەرنى ساتىدىغان بىرقانچە دۇكان بازاردا يەرلەشكەندىن كېيىن، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بۇ بازارنى«خىتاي بازىرى»دەپ ئاتاش ئومۇملاشقانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ بازاردا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇيغۇر مىلىچ مال سودىگەرلىرى تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىدا بۇ بازارغا بېرىپ يىپەك ياغلىق، پايپاق قاتارلىقلارنى سېتىۋالغان چاغدىكى تۇيغۇلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۆرەم پاشا خانىم بايانىدا، ئۆزىنىڭ 1992 - يىلى يۇرتى غۇلجىغا بارغان چاغدا غۇلجىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي بازىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان تاشلەپكە بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشپۇزۇلللار جايلاشقان كوچىلارنىڭ غۇلجىنىڭ ئاۋات رەستىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە بۇ بازارلارنىڭ «رەتلەش»نامىدا چېقىلىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ئائىت بولغان گۈزەل ھاياتنىڭ، ئۇيغۇرلار توپلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇننىڭ بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە «شەھەر كوچىلىرىنى ۋە مەھەللىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش»،«ئەسلىدىكى كونا بازارلارنى رەتلەپ، تەرتىپكە سېلىش» دېگەندەك ناملاردا ئۆي - چېقىش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەھەللىلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا. دائىرىلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، خىتاي شىركەتلىرى ۋە رايونغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي - زېمىنلىرى ۋە بازارلىرىنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، نۆۋەتتە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ يەنە بىر قىززىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.