خىتايدا تۇيۇقسىز «يوقاپ كەتكەن ئەمەلدارلار» نىڭ چەتئەللەرگە قاچقانلىقى مۇنازىرە قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇيۇقسىز «يوقاپ كەتكەن ئەمەلدارلار» نىڭ بارغانچە كۆپىيىشى دىققەت قوزغىغان. 19-ئاۋغۇست كۈنى بوشۈن تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان«يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ياۋروپا، ئامېرىكىغا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قوشنا ئەللەرگە قاچماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2000-يىللاردىن باشلاپ، چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن خىتاي ئەمەلدارلىرى 18 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار ئېلىپ كەتكەن پۇل 800 مىليارد سومغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە چەتئەللەرگە قېچىشقا ئۇرۇنغان ياكى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن تۇتۇپ كېلىنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى 18 مىڭ 487 نەپەر بولۇپ، چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى 4000 غا يەتكەن. ئۇلار ئېلىپ كەتكەن پۇل 500 مىليون دوللاردىن ئاشقان.

ماقالىدە 2011-يىلى 11-ئايدا جېجياڭ ئۆلكىلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا 2011-يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، چەتئەللەرگە قېچىشقا ئۇرۇنغان 14 نەپەر ئەمەلدارنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى نەقىل ئېلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك سەۋەبىدىن چەتئەللەرگە قاچقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە «تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن» دىن كېيىن چەتكە قاچقان پارىخور ئەمەلدارلاردىن گۇيجۇ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى لۇ ۋەنلىنىڭ 2002-يىلى 1-ئايدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە خىزمەت بىلەن بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خوڭكوڭغا قېچىپ، 2004-يىلى تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 26 مىليون 510 مىڭ سوم خىيانەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقى، يۈننەن ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شىڭنىڭ 2007-يىلى يالغان پاسپورت بىلەن ۋىيېتنامغا قاچقىنىدا ئۇنىڭ 40 مىليون سوم خىيانەت قىلغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى نەقىل ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردىكى پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى مىساللارمۇ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى 1-ئايدا جياڭشى ئۆلكىسى فەنياڭ ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىلى خۇاپو ئائىلىسى بىلەن بىللە تۇيۇقسىز «غايىب بولغان»بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسى ھېساباتىغا يۆتكەلگەن پۇلنىڭ 94 مىليون سومغا يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ماقالىدە خىتايدا يېقىنقى يىللاردا پارىخورلۇق قىلمىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن چەتئەللەرگە قاچقان، ياكى ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە پۇل-ماللىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكەۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان . ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدىن خالى ھالدىكى بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ مەيدان ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ خىل تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلمىغىچە، خىتايدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى تۈگىمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.