يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بالىلار ۋە ئاياللار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يەنە كۆپىيىشى ،خەلقئارادا خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى چەكلەش ھەققىدىكى پىكىر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان بالا ئىشچىلار ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا جىددىي تەدبىر ئالماسلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتاينىڭ باھاسى ئەرزان توۋارلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى پىكىر ئېقىمىنى كۈچەيتكەن.
چەتئەللەردىكى خىتايچە خەۋەر مەنبەلىرىدىن چوڭ ئىرا ، يېڭى تاڭ تېلىۋىزىيىسى، ئالما گېزىتى، ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى سانلىرىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تور ئارقىلىق ساتىدىغان ئەرزان توۋار ماللىرىنىڭ 2016- يىلى يەنىلا ئېشىش سەۋىيىسىنى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىدە 16 ياشقا تولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان فابرىكا - كارخانىلاردا ئەسلى بەلگىلەنگەن ئىش ھەققىدىن تۆۋەن مائاش بىلەن ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەتتىن ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي توۋارلىرىغا قارىتا بايقۇت قىلىش ساداسىنىڭ يەنە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار بېرىلدى.
يېڭى تاڭ تېلىۋېزىيىسىنىڭ 28- نويابىر دۈشەنبە كۈنىدىكى « چەتئەللىلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى خىتاي» پروگراممىسىدا مەخسۇس خىتايدىكى ئەرزان توۋار ماللار ۋە خىتايدىكى كىيىم تىكىش كارخانىلىرى ۋە فابرىكىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بالا ئىشچىلار ھەققىدە توختالغان .
مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان.
كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايال ئىشچى ئۆزى ئىشلەۋاتقان كىيىم تىكىش كارخانىسىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، مەزكۇر كىيىم تىكىش كارخانىسىدا ئادەتتە ئىش ھەققى توختام بويىچە بېرىلىدىغان، ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشچىلاردىن باشقا يەنە، بىر تۈركۈم بالا ئىشچىلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، زاۋۇت خوجايىنى بىلەن تۈزۈلگەن ئاغزاكى توختام ئارقىلىقلا ئىشلەۋاتقان بالىلار ئاساسەن 16- ياشتىن تۆۋەن 12 ياشتىن يۇقىرى بولغان بالا ئىشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ھەققى ئالىدىغانلىرىنىڭمۇ ئىش ھەققىنىڭ نورمال ئىشچىلار مائاشىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقى، ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىگەن بالىلارنىڭ ئايدا 1000 سوم ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجىياڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن قاتارلىق شەرقىي دېڭىز بويىدىكى كىيىم تىكىش كارخانىلىرىدا زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا، ئىشچىلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى تېجەش، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان باجنى ئازايتىش، تېخىمۇ مۇھىمى بالا ئىشچىلار ۋە نامرات يېزىلاردىن كەلگەن ئاياللارنى باشقۇرۇش نىسپەتەن ئاسان بولۇش، زاۋۇتتىكى ناچار ئىش شارائىتى، تۆۋەن ئىش ھەققى قاتارلىق تەڭسىز مۇئامىلىلەرگە قارىتا، بۇ تائىپىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئەرلەردەك كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالا ئىشچىلارنى قانۇنسىز ئىشلىتىش ئەھۋالى چەتئەللەردىكى داڭلىق تاۋار ماركىلىرى ۋە ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى شىركەتلىرىدە بايقالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شىركەتلەر خىتايدىكى زاۋۇتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختاتقان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن. مەسىلەن ئالما تېلېفونى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا 2013-يىلى ئالما شىركىتى مەھسۇلاتىنى ئىشلەش ئۈچۈن توختام تۈزگەن خىتايدىكى مەلۇم تېلېفون شىركىتىدە 74 نەپەر بالا ئىشچىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقى بايقالغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتى بۇ خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغان. ئۇندىن باشقا 2014- يىلى جەنۇبىي كورىيىنىڭ سامسۇڭ تېلېفون شىركىتىمۇ ئۆزى ھەمكارلاشقان خىتاي زاۋۇتلىرىدا بالا ئىشچى ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان يىللىق توختامنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 22- نويابىر سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، مەلۇم زاۋۇتتا قورامىغا يەتمىگەن بالا ئىشچىلاردىن 12 سى بايقالغان . خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ بالىلار بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە تاسادىپى بايقالغان بولۇپ، زاۋۇت خوجايىنلىرى پەقەت يىل ئاخىرىدىلا ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىدىكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە گەرچە بۇ بالىلارنى زاۋۇتقا ئېلىپ كەلگەن ئىككى كىشى قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇ بالىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدا شەخسىلەر ئاچقان زاۋۇت-فابرىكىلاردا قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى سەنشى ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كانلىرىدا قاراڭغۇ قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەيدىغان كۆمۈر قازغۇچى ئىشچىلار ئارىسىدا ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىپ، قۇل ئورنىدا كۆمۈر كولاشقا سېلىنغان 100 دىن ئارتۇق 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بارلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.
نېۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان، خىتايدىكى بالا ئىشچىلار مەسىسلىسى ھەققىدىكى بىر مۇلاھىزىدە ، خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدا، بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ قانۇنسىزلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇننى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتىكى بەلگىلىمىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ زىيادە تەكىتلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە زاۋۇت- فابرىكىلاردا بالا ئىشچىلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ، قانۇنسىز ئىشلىشىگە يول قويۇش ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتايدا بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن. مەزكۇ ماقالىدە يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ تەنقىدى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتقان شىركەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە سودا ئالاقىسىدە خىتايدا ئىشلەنگەن ئەرزان باھالىق توۋارلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، بۇ ئەرزان توۋارلارنىڭ قانداق مۇھىت ۋە شارائىتتا ئىشلەنگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشقا چاقىرىلغان.