ياپونىيە ئاخباراتى: خىتاي ھوللىۋۇدقا خىرىس قىلىشقا باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.04.17
xitay-halliwud-asahi-shinbun.JPG «Asahi Shimbun» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ پۇلى ھوللىۋۇدقا سىڭىپ كىرمەكتە» ناملىق ماقالە. 2014-يىلى ئاپرېل، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان ئاساھى شىمبۇن گېزىتى «خىتاينىڭ پۇلى ھوللىۋۇدقا سىڭىپ كىرمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھوللىۋۇدقا خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، يالغۇز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان كىنو مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ھوللىۋۇدقىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ چىڭداۋدا ھوللىۋۇد كىنو شەھىرىنى قۇرماقچى بولغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىدە خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدە ھوللىۋۇد كىنو شەھىرىنى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، بەلكىم يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن «شەرقنىڭ كىنو مەركىزى چىڭداۋ» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىنو شەھىرىنىڭ ئېچىلىشى مۇمكىنچىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گېزىتتە دېيىلىشىچە، ھوللىۋۇد شەھىرىنى ياساش قۇرۇلۇش شىركىتى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىپ ئېلىپ ئاللىقاچان ئىش باشلىغان. قۇرۇلماقچى بولغان بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى ھازىرچە 140 تەنتەربىيە سارىيىغا توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئۇندىن باشقا يەنە 30 يەردە كىنو ئىشلەش مەركىزى،بىر قېتىمدا ئۈچ مىڭ كىشى تەڭلا ئويۇن كۆرەلەيدىغان ئوپېرا، تىياتىرخانا ۋە شۇنداقلا سودا مەركىزى، مېھمانساراي، تۈرلۈك باغچىلار ياسىلىشقا باشلىغان.

ماقالە ئاپتورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىركەت خادىمى، بۇ شەھەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھازىرچە ھوللىۋۇد كىنو چولپانلىرىدىن لېئوناردو دىكاپرىئو، نىكولې كىدمان خانىم قاتارلىق 60 نەچچە مەشھۇر كىنو چولپانلىرىنى، سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشقا شىركەتتىن كۆپلەپ پۇل ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىڭداۋدا ھوللىۋۇد كىنو شەھىرىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋەنليەن شىركىتى ئەسلىدە داليەندىكى ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى بىر شىركەت ئىكەن. 59 ياشلىق شىركەت خوجايىنى ۋاڭ، ئىلگىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىدىن چىققان كىشى بولۇپ، ئۇ، 1980-يىلىدىن باشلاپ بۇ شىركەتنى قۇرۇشقا باشلىغان. ئۇ، خەلقنىڭ يەر-زېمىنىنى ئەرزان ئېلىپ قىممەت باھادا سېتىش سودىسىدا بېيىغاندىن كېيىن، 2000-يىلىدىن باشلاپ كىنو-فىلىم ئىشلىرىغا قىزىقىپ خىتايدا ھوللىۋۇد شەھىرىنى بەرپا قىلىشنى ئويلاشقان. بۇ شىركەت خادىملىرىنىڭ مائاشى ئادەتتە خىتايدا يۇقىرى مائاشلىق ھېسابلىنىدىغان شىركەتلەردىن 15% يۇقىرى بولۇپ،بۇلار ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىنو، تىياتىر شىركەتلىرىنى سېتىۋالغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتاينىڭ بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىر قانچىلىغان كىنو شىركەتلىرى بار بولۇپ، خىتايدا يىلىغا 700 كىنو ئىشلىنىدىكەن. گەرچە خىتاينىڭ كىنو بازىرى ھازىرچە فىلىملەرگە تويۇقلۇق بولسىمۇ، ئەمما چىڭداۋدىكى ھوللىۋۇد شەھىرى قۇرۇلسا، مەزكۇر شىركەت يىلىغا 100 كىنو ئىشلەشنى، ئۇندىن باشقا 30 كىنونى چەتئەلدىن سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.

مەزكۇر شىركەت خادىمى، شىركەت ئامېرىكىدىكى ھوللىۋۇد فىلىم شىركىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلاردىن كۆپرەك فىلىم ئىشلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، فىلىمغا قاتنىشىدىغان بارلىق چەتئەل كىنو چولپانلىرىنىڭ، كىنو رېجىسورلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك چىڭداۋغا كېلىپ ئىشلىشى كېرەكلىكىنى،ئىشلەنمەكچى بولغان سېنارىيە ھەققىدىكى بارلىق بەلگىلىمىلەرنى شىركەتنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىلىش بازىرى ياپونىيە بولغان بولسىمۇ، ئەمما 2012-يىلىدىن باشلاپ بۇ بازار خىتايغا يۆتكەلگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، 2020-يىلىغا كەلگەندە خىتاي كىنو ئىشلەشتە ۋە سېتىشتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدە، ھوللىۋۇد كىنو شىركىتى 2011-يىلى ئىشلىگەن «ئۆزگىرىش» فىلىمىنىڭ 3-قىسمى يەنى «ئاينىڭ قاراڭغۇ تەرىپى» دېگەن قىسمىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئويۇنچۇق شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «تاكارا تومىي» شىركىتىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىدىن ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن فىلىمنى ئىشلەشكە كېرەكلىك بولغان بارلىق بۇيۇملارنىڭ خىتايدىن كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئېلان شىركىتى خىتاي شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى جانې ما مەزكۇر شىركەت خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن مەنمۇن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا ئامېرىكىلىق فىلىم ئىشلىگۈچى دون مافېي «ئەگەر بىز، كىنولىرىمىزنى خىتايغا كۆرسەتمەكچى بولساق، ئەلۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. دون مافېينىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدە توختالغان ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھازىرقى ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى تىلغا ئالماسلىق بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئامېرىكا فىلىملىرى راستىنىلا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ دۈشمىنى بولغان كوممۇنىستلارنىڭ روھى دۇنياسىغا ماس ھالدا ئىشلىنىپ پۇلغا سېتىلىدىغان ئىش بولسا، ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن بولاتتى.

ھازىرقى ھوللىۋۇد كىنولىرىنىڭ بىر قىسمى ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايدا قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان ئىكەن. خىتاي كىنو بازىرىنىڭ بىر قىسىم ھوللىۋۇد كىنو چولپانلىرىنى چەتكە قېقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ماقالىدە «براد پىتت بولسا ‹تىبەتتىكى يەتتە يىل› دېگەن فىلىمدا رول ئالغان. بۇ فىلىمدا ئۇنىڭ دالاي لاما بىلەن دوستلۇق ئورناتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا كىنو چولپانلىرىدىن رىچارد گېرې، ھاررىسىن فورد قاتارلىقلار دالاي لامانى قوللاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھاررىس فورد بولسا تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلاردىن بىرى. ‹تىبەتتىكى يەتتە يىل› نىڭ رېژىسسورى فىرانسىيەلىك جېئان جاكھۇئېس شاڭخەي خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى باھالاش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ شاڭخەيگە بارغان چېغىدا مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن ‹سىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سورىدىڭىزمۇ؟› دېگەندە، ئۇ، ياق، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەتئىي ئەپۇ سورىمىدىم، دېگەن» قاتارلىق مەزمۇنلار تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە شۇنداقلا ھازىر غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ كىنو شەھىرىنى قۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.