مۇتەخەسسىسلەر: 2013-يىلى خىتاي ئۈچۈن خۇشاللىق يىلى بولمايدۇ

يېقىندا يەنى 17-يانۋار كۈنى، خەلقئارا ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش شىركىتىنىڭ ھازىر شاڭخەيدە تۇرۇۋاتقان ئاسىيا ئىشلىرى تارمىقىنىڭ باشلىقى ماككېنسەي گوردون ئەپەندى ۋالل سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، 2013-يىلىدىكى خىتاي ئىچكى ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ 10 تۈرلۈك كۆز قارىشىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن قارىغاندا 2013-يىلى خىتاي ئۈچۈن تازا خۇشاللىنارلىق بىر يىل بولمايدىكەن. ماككېنسەي ئەپەندىنىڭ 10 تۈرلۈك مۇلاھىزىسى چاتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرى يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىدە بۇ ماقالە ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ 2013-يىلى خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە ماككېنسەي ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىنى تەستىقلىغان.

2013-يىلى خىتايدىكى قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلىدۇ

ماككېنسەي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلى خىتايدا قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بىر يىل بولىدىكەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتايدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ. بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بارغانچە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ماسلىشىشىنى قوشقاندا، خىتاي خەلقى ھازىر تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى دەپ يازىدۇ.

خىتاي ئىقتىسادشۇناس جيەن تيەنلۇن ئەپەندى، يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ:
-خىتايدىكى 10 يىللىق ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتايدىكى بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى، كىشىلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدا باي، كەمبەغەللىك پەرقى شۇنداقلا تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە كەلسەك، خىتايدا كىرىم تەقسىماتى باراۋەر ئەمەس. كىشىلەرنىڭ كىرىم باراۋەرسىزلىكى جەھەتتىكى نارازىلىقىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشماقتا.

جيەن تيەنلۇن ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ:
-كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي كىرىمى بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات ماسلاشماي كەلدى. جەمئىيەتنىڭ ئىش ھەققى تەقسىماتى ئادىل ئەمەس، قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى مۇقەررەر، يېقىندا جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۇلغايغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

2013-يىلى خىتايدىكى ئۈچ دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋەيران بولىدۇ

ماككېنسەي ئەپەندىنىڭ ۋالل سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە ئېلان قىلغان 2013-يىلىدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى 10 تۈرلۈك مۇلاھىزىسىنىڭ يەنە بىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، 2013-يىلى خىتايدىكى ئۈچ دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولىدىكەن.

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا خىتايدا ئاخىرلاشقان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت خىزمەت يىغىنىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەركەزدىن جەمئىي 4 مىليارد سوم قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى سورىغانلىقى مەلۇم. ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە بۇ ياردەم پۇلىنى بەرمىسە 90% يەرلىك ھۆكۈمەت ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدىكەن.

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالغان ئىقتىسادشۇناس جيەن تيەنلۇن ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ:
-خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا نۆۋەتتىكىدەك قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرىمىز دەپ ئويلاپ، مەبلەغ سېلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە، مۇھىتنى بۇلغاپ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقاندىن باشقا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ياشاش شەرتلىرىنىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

2013-يىلى خىتايدا چوشقا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى قاتارلىق ئاساسى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى بىر ھەسسە ئۆرلەيدۇ

ماككېنسەي ئەپەندىنىڭ ۋالل سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە ئېلان قىلغان 2013- يىلىدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى 10 تۈرلۈك مۇلاھىزىسىنىڭ يەنە بىرى، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قالايمىقان قەرز پۇل تارقىتىشى نەتىجىسىدە، بانكىلاردا قىزىل رەقەم كۆرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇ نۇقتىلىق ھالدا گۆش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدا زۆرۈر بولغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ بىر ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇ ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ خىتايدا 2013-يىلى چوشقا گۆشى ۋە توخۇ گۆشىنىڭ باھاسى بىر ھەسسە ئۆرلەيدۇ دەپ يازغان.

ئىقتىسادشۇناس چېڭ شاۋنۇڭ ئەپەندى يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-ماككېنسەي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئەمەلىي رېئاللىق. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شەھەرلەشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ بۇ تۈرگە 60 مىليارد سوم مەبلەغ سالدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بانكىلار بۇ تۈر ئۈچۈن قەرز پۇل بېرىۋاتىدۇ ۋە تارقىتىلغان قەرز پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ كېلەلمەيۋاتىدۇ. يېقىن كېلەچەكتە خىتاي خەلقى پۇل پاخاللىقى بىلەن يۈزمۇ ‏-يۈز كېلىشى مۇمكىن.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.