خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى نوپوزى تېز يۈكسىلىشكە باشلىغان. ئۇ، سودا ھەجمى كېڭىيىپ، رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان.
سودا ۋە مەبلەغنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ رايونلارغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك؟ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روراباكېر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەۋەتىش ۋە تەمىنات ھالقىلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىككى رايوندىكى بايلىقنى كونترول قىلىۋېلىشى دۇنيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئامېرىكا، ئىتتىپاقداشلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك.
سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ياۋروپا، ياۋرو-ئاسىيا شۆبە كومىتېتى چاقىرغان. « خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق مەزكۇر يىغىنغا كومىتېت رەئىسى دانا روراباكېر رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.
ئۇ: خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى بايلىقىنى دەسمى قىلىپ، يېڭى بايلىق مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. يەنى رۇسىيىنىڭ بايلىققا مول شەرقتىكى رايونلىرىنى ۋە ياۋرو-ئاسىيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بېيجىڭنىڭ چەتئەل تۇپراقلىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە نوپۇس جەھەتلەردىكى بىر گەۋدىلىشىش ھەرىكىتى كونكرېت تۈسكە ئىگە. بىرىنچى، خىتاي مەبلىغى خىتاي ئىشچىلىرىنى، باشقۇرغۇچىلىرىنى ۋە تىجارەتچىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ مەبلىغى يالغۇز كەلمەيۋاتىدۇ. ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ مەبلىغى ئىمپورت-ئېكسپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تەمىنات ھالقىلىرىنى كونترول قىلىشقا قاراپ كېڭىيىپ، تېرىلغۇ يەر، خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى، يەرلىك كارخانا ۋە پارچە سېتىش ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، يەرلىك كارخانا ۋە يەرلىك خەلقنى بىكارچىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى دۆلەت بانكىسى، دۆلەت خەزىنە فوندى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ساھالەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ساھەلەر. قىسقىسى، چەتئەل ئىقتىسادىنىڭ زور بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك ساھەلىرىنى كونترول قىلىشى بېيجىڭغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى مۇتلەق سىياسىي تەسىرى ئاستىغا ئېلىش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.
دانا روراباكېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەر خىتاينىڭ يېڭى مۇستەملىكىچىلىكىگە تايىنىپ قېلىش خەۋپىنى كۆرۈپ يېتىپ، باشقا ھەمشېرىكلەرنى تاپمىسا، خىتاينىڭ ئوربىتىسىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىن. چۈنكى، بېيجىڭنىڭ پۇلى، كۈچى ۋە ئۇلارنى قاپقانغا چۈشۈرىدىغان نىيىتى بار.
ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ستېفان بلەنكنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت كۆچمەنلەر ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە سودىسى. ئۇ : رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا كېلىۋاتقان خىتاي تەھدىتى خىتاي كۆچمەنلىرى ئەمەس. رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2000-يىلدىن بېرى رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ ماڭغان. بۇ رايوندىكى ھەقىقىي تەھدىت خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە سودىسى. خىتاي ئامېرىكىدىمۇ ئاچقۇچلۇق ئىقتىسادى، سىياسىي ساھەلەرنى كونترول قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلدى. خىتاي رۇسىيىنىڭ رۇس نېفىت شىركىتىگە 27 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ، نېفىت سودىسى قىلىشنى پۈتۈشكەن. خىتاي نېفىتنى بازار باھاسىدىن ئەرزان بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھازىر رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ تەبىئىي گاز قېزىش پىلانىغا قوشۇلدى. شىمالىي قۇتۇپ ئېنېرگىيە پىلانى رۇسىيە ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ زور ئۈمىدى. خىتاي ھازىر بۇنىڭغا شېرىك. بىز خىتاينىڭ رۇسىيە سودا ۋە مەبلەغ ساھەسىگە زور قەدەم بىلەن سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ كەلگۈسىدە خىتاينى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىدە سىياسىي ئىمتىيازغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭغا رىقابەت چىقمىسا، پۈتكۈل ئاسىيا ۋە ئامېرىكا زور بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؟ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىللىئام كېتىڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دېموكراتىيە تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشكە ياردەم قىلىشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمى رايوندىكى بۇ ئىككى كۈچنىڭ ئىزچىل ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدەك قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەر بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئىگىلىك ھوقۇققا ئېرىشكەن بۇ دۆلەتلەرنى زۆرۈر مۇقىملىق بىلەن تەمىنلىدى. شۇ سەۋەبلىك رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ 3 دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن كۈچلۈك تارىخىي، بىخەتەرلىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكا سودىنى كۈچەيتىش، دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ، كېلەچەككە كاپالەتلىك قىلىش، چەتئەل ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە دېموكراتىيەلىشىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشالايدۇ.
لېكىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش مەكتىپىدىكى پروفېسسور ستېفان بلەنكنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئىتىدىكى ئورنىنى بېكىتىشى كېرەك. ئۇ : مەن بايام دېگەندەك، مەيلى دېموكراتىك ھۆكۈمەت، ياكى جۇمھۇرىيەتچى ھۆكۈمەت بولسۇن، مەركىزى ئاسىيا بىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگىمۇ، ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇ يەردىن كەلگەن ھۇجۇمغا ئۇچرىدۇق. ئىقتىسادى مەنپەئىتىمىز 2001-يىلقىدىن كۆپەيدى. بۇ يەردە يىپەك يولى توغرىلىق مۇزاكىرە بولۇۋاتىدۇ. 2011-يىلى 12-ئايدا كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش توغرىلىق دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلات سابىق كېڭەش پالاتا رەئىسى جون كەرىينىڭ رەھبەرلىكىدە تەييارلانغان. لېكىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ھېچقانداق ئىش قىلمىدى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق پۇل ئاجرىتىلمىدى. بىزنىڭ 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق ئىستراتېگىيە بەلگىلەيدىغانلىقىمىز توغرىلىق ھېچقانداق چۈشەنچىمىز يوق، دەپ كۆرسەتتى.