دۇنيا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان، چەتئەللەردە چىقىدىغان گۇئاردىئان، ۋالل سترېت ۋە ئۇلۇغ ئېرا گېزىتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ بارغانچە قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل فېۋرالدا خىتاي تاشقى قەرزى 736 مىليارد دوللار بولغان بولسا، مارتتا 764 مىليارد دوللارغا يۈكسەلگەن.

ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ قىسقا مۇددەتلىك تاشقى قەرزىمۇ 565 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئىقتىساتشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي تاشقى قەرزى بۇ سەۋىيە بىلەن ئىلگىرىلىسە، يىل ئاخىرىغا بارغاندا خىتاينىڭ بىر تىرىليۇن دوللارلىق تاشقى قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. ئەگەر خىتاي يىل ئاخىرىدا بىر تىرىليۇن دوللارلىق تاشقى قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ 3 تىرىليۇن دوللارلىق دۆلەت خەزىنىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ كۈندىن ‏- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تاشقى قەرزىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا خىتايدىكى بىر قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 531 مىليون دوللارلىق قەرزنى تۆلىيەلمەي تاقىلىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئۇندىن باشقا، يېقىندا يەنە خىتاي مەركىزى بانكىسى قەرز سەۋىيىسى يۈكسەك بولغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شىركەت ۋە كارخانىلارغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي پايچەك بازىرىدا يۈزدە 5% لىك چۈشۈش كۆرۈلگەن. نەتىجىدە خىتاي مەركىزى بانكىسى قارارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەگەر ئېھتىياج كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ تۈردىكى شىركەتلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېلېگراف گېزىتىدە نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 115 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇھى 6 مىليارد دوللارلىق خىتاي دۆلەت خەزىنىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ مالىيە ھوقۇقى ئىلى كېچياڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى رولىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلىشىشى قاتارلىقلارغا سەۋەب بولىدىكەن. يۇقىرىدىكى ئەھاللارنى نەقىل كەلتۈرگەن تېلېگراف گېزىتى «كوممۇنىست دىكتاتۇرلۇقى ئېغىر ئەھۋالغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دەپ يازغان.

خىتاينىڭ قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدا خىتايدىكى سانلىق رەقەملەرنىڭ يالغاندىن ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلىۋاتقانلىغىمۇ سەۋەب ئىكەن.

يېقىندا ۋالل سترېت گېزىتىدە، «خىتاي سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق رەقەملەر بىلەن ئەمەلىيەتتىكى سانلىق رەقەملەرنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى ۋە ئىنتايىن زور پەرق بىلەن تۆۋەن ئىكەنلىكى، بۇنداق ساختىكارلىقنىڭ پايچەك بازارلىرى، سودا سانائەت، ئېنېرگىيە ۋە خەلقئارالىق تىجارەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە كۆرۈلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە ئاپتور، «خىتايدىكى دۆلەت ئەھۋالىغا ئائىت رەقەملەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن يالغاندىن پەدەزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش بىر سىر، ئەمما خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ سەتچىلىككە شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس» دەپ يازىدۇ.

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ستاتىستىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۈلگە ئېلىپ، خىتايدىكى 249 شىركەت ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 38 كىچىك تىپتىكى كارخانىنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانا قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى، 73 شىركەتنىڭ ئىشتىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى،ياكى باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ماقالىدە يەنە نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى 71 شىركەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ 2012-يىلىدىكى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 222 مىليون سوم بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن 4 ھەسسە ئاشۇرۇپ 851 مىليون سوم قىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقى پاش قىلىنغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي ئىقتىسادىغا ئائىت يېزىلىۋاتقان ماقالىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مالىيەگە ئائىت سان ‏- شىفىرلارنى يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقىرىشىمۇ خىتاينى «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىغا يول ئېچىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.