ئىقتىسادشۇناسلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
2013.11.26
يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىشلەر نېمىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى ئىقتىسادشۇناسلار بەس-بەستە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا.
25-نويابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاي تۆت كوچا ئېغىزىدا: ئىقتىسادىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆسۈشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خېيىم-خەتەر» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى روبېرت سامۇئېلسون نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى دەلىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ياش تەتقىقاتچى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.
سوئال: ھۆرمەتلىك پەرھات بىلگىن ئەپەندى، ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىزگىمۇ مەلۇم، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم غەيرىي ئالامەتلەر خەلقئارادىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا «خىتاي تۆت كوچا ئېغىزىدا: ئىقتىسادىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆسۈشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خېيىم-خەتەر» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى روبېرت سامۇئېلسون بەزى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. سىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەپسىز، ھازىر خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسى بويىچە دوكتورلۇق ماقالىسى يېزىۋېتىپسىز. سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مودېلىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرگە ئىقتىسادشۇناسلار بەكمۇ دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇنداق تۆت ھالقا بويىچە ئىلگىرىلەيدۇ. بىرى ئىستېمال، ئىككىنچىسى مەبلەغ ياكى سېلىنما، ئۈچىنچىسى ھۆكۈمەت ئىستېمالى، تۆتىنچىسى ئېكسپورت. 30 يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاساسلىقى ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئېكسپورتقا تايىنىپ ئۆرلەپ كەلدى. 2008-يىلىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنى سۆرەپ كەلگەن بۇ كونا مودېل ئۆز كۈچىنى يوقىتىشقا باشلىدى. بۇنداق بولۇشىدا، بىرىنچىدىن خەلقئارا بازارنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەب بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن خىتاينىڭ مەبلەغ ياكى سېلىنمىغا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋالغانلىقتىن بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمال، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ ئائىلە ئىستېمالى ئارقىلىق ئايلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆسمىگەن. نەتىجىدە، خىتاي ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا ئىستېمال سەۋىيىسى ئىزچىل تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن چوڭ دۆلەت بولۇپ كەلگەن. ئەگەردە خىتاي ئىقتىسادتىكى بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتمىسە، بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلىشى قىيىن بولۇپ قالىدۇ.
سوئال: ئىقتىسادشۇناسلار بىردەك خىتاينىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي سېلىنما بىلەن ئېكسپورتقا تايىنىش ئاساسىدا راۋاجلانغانلىقىنى، ئىستېمالغا ئىزچىل سەل قارالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەسىلەن، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشىدەك ھادىسىلەر بۇ نۇقتىنى دەلىللىمەكتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئايلىنىشى مەلۇم مەزگىلگىچە نورمال ھادىسە. ۋەھالەنكى، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋاملاشسا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا چېكىنىش يۈز بېرىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ ياكى سېلىنمىغا كېتىدىغان ئىقتىسادىي دۆلەت ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ 20% ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا ئىزچىل ھالدا 40% لىك نىسبەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. يەنى خىتايدا تەكرار ياكى ئارتۇقچە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئۇندىن باشقا، ئېكسپورتقا تايىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تايىنىپ كەلگەن مۇھىم كوزىرى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ قالدى، يەنى خىتاي دۇنيا ئېكسپورتىنىڭ 9% ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا بولسا دۇنيا ئېكسپورتىنىڭ 7.9% ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئىلگىرى خىتاي ئۆزىنىڭ ئادەم بايلىقى، يەنى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ مەلۇم مەزگىل دۇنيانىڭ زاۋۇتلىرىنى ماڭدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە بۇ ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالماقتا. خىتايدا ئەمگەك كۈچىنىڭ قىممەتلىشىشى بىلەن ھىندىستان، ۋىيېتنام، بېنگال ۋە بىرازىلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر دۇنياۋى زاۋۇتلارنى بىر-بىرلەپ ئۆزىگە تارتماقتا. يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ساھەلەردە ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولغاچقا، خىتاي بۇ ساھەگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خۇددى ئىقتىسادشۇناس روبېرت ساموئېلسون ئېيتقاندەك، خىتاي قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇ «تۆت كوچا» ئېغىزىدا نەگە مېڭىشىنى دەڭسىيەلمەي بېشى قېتىپ تۇرماقتا.
سوئال: خىتاينىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنى ياپونىيەنىڭ 1970-ۋە 1980-يىللاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سىزچە قانداق پەرقلەر مەۋجۇت؟
جاۋاب: خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۆسۈش قەدىمىنى ياپونىيە بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ. ياپونىيەمۇ 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش مەنزىرىسىنى ياراتقان. كېيىنچە ئىقتىسادىي بىر ئىزدا توختاپ قالدى. ئەمما ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، ياپونىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە كىرگەندە ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىلەر ئاللىقاچان ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ بولغان. خىتايدا بولسا ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە، بولۇپمۇ دېھقانلار تېخىچە نامرات ھالەتتە تۇرماقتا.
سوئال: يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چۆكۈش ئالامەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «كونا مودېل» نىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى ئاشكارا بولماقتا. سىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «كونا مودېل» نى تاشلاپ، ئۈنۈملۈك بولغان «يېڭى مودېل» نى ئىشقا سالالارمۇ؟
جاۋاب: خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، كەينىگە چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدىكەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «كونا مودېل» نى تاشلاپ ئىچكى ئىستېمالنى ئاساس قىلغان «يېڭى مودېل» غا كۆچۈشى كېرەك. ھالبۇكى، خىتايغا نىسبەتەن بۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىستېمالدىن كېلىدىغان ئىقتىسادى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ 70% ئىنى ئىگىلەيدۇ. خىتاي گەرچە يېقىنقى مەزگىللەردە ئىچكى ئىستېمال سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈشكە كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن 40% تىن ئاشالمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كۆز ئالدىدا خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك مائاش ئۆستۈرۈش ۋە دۆلەت ئىچىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى يەنىمۇ كۆتۈرۈشتەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس. ئىقتىسادتىكى «كونا مودېل» نى تاشلاپ، «يېڭى مودېل» غا كۆچۈش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىمى سىياسىي تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قانداق تاللاشنى قوبۇل قىلىشىغا باغلىق.